چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاخباراتچىلىق بولسا ئاخبارات ھادىسىلىرى ۋە ئاخبارات خىزمەتلىرىنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئاخباراتچىلىق

خەنزۇچە نامى :新闻专业

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

ئاخبارات ئىلمى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئاخبارات پائالىيەتلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى، ئۇلارنىڭ تەرەققىيات جەريانى ۋە قوللىنىشچانلىقىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، نۆۋەتتە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەتنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا، ئاخباراتنىڭ تارقىتىشنى يادرو قىلغان ئۇچۇر تارقىتىش ئىشلىرىدىكى رولى زورايماقتا.

ئاخباراتچىلىق ئىلمى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن، زامانغا لايىق، ئاخباراتچىلارغا خاس سەزگۈرلۈك ۋە مېدىيا باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشقا دائىر نۇرغۇن بىلىملەر بىلەن قوراللانغان ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئىگە ئىز-باسارلارنى تەربىيىلەپ، ئۇلارغا دۆلىتىمىزنىڭ فاڭجىن-سىياسەتلىرى ۋە  ئاخبارات تارقىتىش سىياسەتلىرىنى پۇختا تونۇتۇپ، خەلقئارالىق ئاخبارات سەھنىسىدىمۇ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاخباراتچىلىقتا تەربىيىلەنگەنلەر گېزىتخانا، رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىستانسسىلىرى ۋە ئاگېنتلىقلارغا يۇقىرى سەۋىيىلىك مۇخبىر، تەھرىر ۋە ئاخبارات ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خادىملىرى بولالايدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏