چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تاش قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ غۇلجا شەھەر ئەتراپى ، ئالتاينىڭ شىمالى ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئايرىم رايۇنلىرىدا ئاز كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ .

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش 

تاش قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ غۇلجا شەھەر ئەتراپى ، ئالتاينىڭ شىمالى ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئايرىم رايۇنلىرىدا ئاز كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ . 

بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈشى ئاجىز بولۇپ ، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 289.4 سانتىمېتىر ، توملۇقى 1.6 سانتىمېتىر كېلىدۇ، شاخلىنىشى ئوتتۇراھال ، بۇ خىل سورت توشۇشتا ۋە ساقلاشقا چىداملىق بولۇپ ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك . 

سىرتقى شەكىلى

چېچىكى 

 بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسى پىلەكنىڭ ئۈچىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئاتىلىق گۈلى ئاساسى پىلەكنىڭ تۆتىنچى بوغۇمىدىن چىققان يان پىلەكنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدا ئۆسىدۇ . ئانىلىق گۇلى ئېچىلىپ 36 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ . پۈتكۈل ئۆسۈپ يىتىلىش ۋاقتى 78 - 80 كۈن ئەتاپىدا بولىدۇ ، پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 0.8 گرام كېلىدۇ ، گۈلى قوش جىنىسلىق . 

مېۋىسى

تاش قوغۇننىڭ شەكلى يۇمىلاقراق ، سوقىچاق ، دىئامېتىرى 10.7 * 11 سانتىمېتىر ، مېۋىسى پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلىدۇ . شاپاق تېگى رەڭگى سېرىق رەڭدە بولۇپ ، ئۈستىدە ئالتۇن رەڭلىك ۋە يېشىل رەڭلىك داغ ئىزى ، ھەم 9 - 10 تالغىچە ئىنچىكە يېشىل ئېرىقچە شەكلىللەندۇرگەن ، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.3 سانتىمېتىر ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 2.6 سانتىمېتىر ، رەڭگى يېشىل ئاق ، شىرنىسى ۋە تالاسى ئاز ، تەمى ئوتتۇراھال تاتلىق بولۇپ ، ئىسپىرىت پۇرىقى كېلىدۇ ، قەنت مىقدارى % 15.4 - 10.3 ئەتراپىدا . 

ئۇرۇقى

ئۇرۇقى سېرىق رەڭدە ، ئەگرى ئېللىپىس شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى 1.2 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.4 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 47 گرام كېلىدۇ . 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏