چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سىڭگىم ئاق قوغۇنى ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ تۇرپاننىڭ سىڭگىم يېزىسىدا ۋە تۇرپاننىڭ باشقا رايۇنلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ .

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش 

سىڭگىم ئاق قوغۇنى ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ تۇرپاننىڭ سىڭگىم يېزىسىدا ۋە تۇرپاننىڭ باشقا رايۇنلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈش كۈچى ئوتتۇراھال ، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 320 سانتىمېتىر . توملۇقى 1.56 سانتىمېتىر ، شاخلىنىش كۈچى كۈچلۈك،  پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش ۋاقتى 97 -105 كۈن ئەتراپىدا ، بۇ خىل سورت توشۇش ، ساقلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ناچار . 

سىرتىقى شەكلى

چېچىكى

بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسى پىلەكنىڭ توققۇزىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئانىلىق گۈلى ئاساسى پىلەكنىڭ 11- بوغۇمىدىن چىققان يان پىلىكنىڭ بىرىنچى بوغۇمدا ئۆسىدۇ .ئانىلىق گۈل ئېچىلىپ 41 -47 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ . پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 1.9 كىلوگرام كېلىدۇ ، گۈلى قوش جىنىسلىق . 

مېۋىسى

سىڭگىم ئاق قوغۇننىڭ شەكلى ئۇزۇن سىلىندىرسىمان شەكىللىك ، دىئامېتىرى 13 * 25 سانتىمېتىر ، پىشقاندا مېۋە ساپىقى ئاسان ئۈزۈلىدۇ ، شاپاق تەگ رەڭگى ئاق سېرىق رەڭلىك داغ ئىزى شەكىللەنگەن ، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.53 سانتىمېتىر ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 2.9 سانتىمېتىر، رەڭگى ئاق سېرىق، يۇمشاق ،شىرنىلىك ،تالاسى كۆپ ، تەمى ئوتتۇراھال قەنت مىقدارى % 13.5 -8 ئەتراپىدا.

ئۇرۇقى

ئۇرۇقى قېنىق سېرىق رەڭدە ، ئېللىپىس شەكىللىك ، ئۇزۇنلۇقى 1.29 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.55 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 53.3 گرام كېلىدۇ . 


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏