چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش توشقان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار، توشقانسىمانلار ئەترىتى توشقان ئائىلىسى، باش قىسمى چاشقانغا ئوخشايدۇ، قۇيرۇقى قىسقا، قۇلىقى ئۇزۇن، ئۈستۈنكى كالپۇكى يېرىق، كەينى پۇتى ئالدى پۇتىدىن ئۇزۇن، سەكرەشكە ماھىر، تېز يۈگۈرەيدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :توشقان

خەنزۇچە ئاتىلىشى :

ئىنگلىزچە نامى :rabbit,bunny،Rabbit

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :توشقانلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :توشقان ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :توشقان ئۇرۇقدىشى

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

سىرتقى شەكلى 

بەدەن تىپى 

4پارچەتوشقانبەدەن شەكلى جەھەتتىن، چوڭ تىپلىق ، ئوتتۇرا تىپتىكى توشقان بىلەن كىچىك توشقان دەپ ئايرىشقا بولىدۇ، چوڭ تىپلىق توشقىنى بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 5 ~ 8 كىلوگرام ئەتراپىدا بولىدۇ، ئوتتۇرا تىپتىكى توشقاننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 2 ~ 4 كىلوگرام ئەتراپىدا، كىچىك توشقاننىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 2 كىلوگرامدىن تۆۋەن. 

ئومۇمەن ئېيتقاندا، توشقان گەۋدە، باش، بويۇن قىسمى، تۆت پۇتى ۋە قۇيرۇقى قاتارلىق تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن. 

باش 

توشقان باش قىسمى بىرقەدەر ئۇزۇن، يۈز رايونى ۋە مېڭە دەپ ئايرىلىدۇ، باش - بويۇن قىسمى باش رايونى، يۈز رايونى باش قىسمىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ 2 / 3 نى ئىگىلەيدۇ.

ئېغىز 

توشقان ئېغىزى بىر قەدەر قىسقا، ئۈستى، تۆۋەنكى كالپۇك، ئاستىنقى لەۋ ، بۇنىڭ ئىچىدە كالپۇكىدا تىك يېرىقى بار، ئۇدۇل ئېچىلىپ قالغان، ئېغىز يېنىدا سېزىش بۇرۇتچىسى بار. ئۈستۈنكى كالپۇك ئوتتۇرا بۆلگۈنچىلىك، تىپىك بولغان ئۈچ تال چىشى بار، ناھايىتى ئوماق. باشقا ئىككى دانە سىرتقا تۇرىدىغان چوڭ ئۇتتۇر چىشى بولىدۇ، توشقاننىڭ جەمئىي 28 تال چىشى بار.  

بۇرۇن 

توشقاننىڭ بۇرۇن تۆشۈكلىرى سەل چوڭراق، ئېللىپسسىمان، ئىچكى گىرۋەك بىلەن ئۈستۈنكى كالپۇك تىك يېرىقى بىلەن تۇتىشىدۇ.

كۆز 

توشقان كۆز ئالمىسى يۇمىلاق، بىر كۆزنىڭ كۆرۈش بۇلۇڭى 180 °، توشقان سورتى ئوخشىمىغانلىقتىن، يۇڭنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇنىڭ كۆزىنىڭ رەڭگىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. توشقاننىڭ كۆزى : قىزىل، كۆك رەڭلىك، قارا، كۈل رەڭ قاتارلىق ھەر خىل رەڭلىك، يەنە بەزى توشقاننىڭ ئىككى كۆزىنىڭ رەڭگى ئوخشىمايدۇ. 

قارا توشقاننىڭ كۆزى قارا رەڭدە، كۈلرەڭ توشقاننىڭ كۆزى كۈلرەڭ رەڭدە، ئاق توشقاننىڭ كۆزى سۈزۈك بولىدۇ. چۈنكى ئاق توشقاننىڭ كۆزىدىكى قىلدام تومۇرلار كۈن نۇرىنى قايتۇرغاچقا، سۈزۈك كۆزى قىزغۇچ كۆرىنىدۇ.

قۇلىقى 

توشقاننىڭ قۇلىقى ئۇزۇن ھەم چوڭ، ھەتتا باش ئۇزۇنلۇقىدىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ؛ يەنە بىر قىسىم تۈرلىرى توشقاننىڭ قۇلىقى كىچىك بولۇپ، تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. توشقان قۇلاق شەكلى، ئۇزۇنلۇقى ۋە قېلىن - نېپىزلىقى سورت ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. 

يۇڭى  

توشقان يۇڭى يۇمشاق، سىپتا بولىدۇ، كىيىم - كېچەك قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏