چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ھېلىلە قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ گۇما ناھىيىسىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ .

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش 

ھېلىلە قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ گۇما ناھىيىسىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈش كۈچى ئاجىز ، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 286 سانتىمېتىر ، توملۇقى 1.6 سانتىمېتىر ، شاخلىنىش كۈچى كۈچلۈك ،  پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش ۋاقتى 92 -97 كۈن ئەتراپىدا ، پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 5.8 كىلوگرام كېلىدۇ. بۇ خىل سورت توشۇشقا بىر قەدەر چىداملىق ، ساقلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز . 

سىرتقى شەكلى 

چېچىكى 

بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسى پىلەكنىڭ ئالتىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئانىلىق گۈل چچىكى ئاساسى پىلەكنىڭ يەتتىنچى بوغۇمىدىن چىققان يان پىلەكنىڭ بىرىنچى بوغۇمدا ئۆسىدۇ . ئانىلىق گۈل ئېچىلىپ 46 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ ، گۈلى قوش جىنىسلىق . 

مېۋىسى 

ھېلىلە قوغۇننىڭ شەكلى ئېللىپىسمان ، دىئامېتىرى 20.4 * 31.2 سانتىمېتىر ، پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلمەيدۇ ، شاپاق تەگ رەڭگى سېرىق ، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.9 سانتىمېتىر ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 4.4 سانتىمېتىر ، رەڭگى ئاق ، شىرنىلىك ،تالاسى ئاز ، قاتتىق ،تەمى ئوتتۇراھال قەنت مىقدارى % 14-16 ئەتراپىدا .

ئۇرۇقى 

ئۇرۇقى سېرىق رەڭدە ، ئېللىپىس شەكىللىك بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى 1.28 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.6 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 64 گرام كېلىدۇ . 


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏