چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يۈرەك سويمىسى ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ قەشقەر شەھەر ئەتراپى ۋە بىر قىسىم رايۇنلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ .

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش 

يۈرەك سويمىسى ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ قەشقەر شەھەر ئەتراپى ۋە بىر قىسىم رايۇنلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈشى كۈچلۈك شاخلىنىشى ئوتتۇراھال . پۈتكۈل ئۆسۈپ يىتىلىش ۋاقتى 90 كۈن ئەتراپىدا . يۈرەك سويمىسىنڭ شەكلى يۈرەككە ئوخشاش ھەم يۈرەككە داۋا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، يەرلىك كىشىلەر تەرىپىدىن يۈرەك سويمىسى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن .

سىرتىقى شەكلى

چېچىكى 

بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسي پىلەكنىڭ يەتتىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئانىلىق گۈلى ئاساسي پىلەكنىڭ ئونىنچى بوغۇمىدىن چىققان يان پىلەكنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدا ئۆسىدۇ . ئانىلىق گۈلى ئېچىلىپ 40 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ .

مېۋىسى 

يۈرەك سويمىسىنڭ شەكلى يۈرەككە ئوخشاش ھەم يۈرەككە داۋا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، يەرلىك كىشىلەر تەرىپىدىن يۈرەك سويمىسى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن . مېۋىسى پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلىدۇ ، ساپاق تېگى رەڭگى ئالتۇندەك سېرىق بولۇپ ، ئۈستىدە ئۈزۈك ھەم بۇدرە ئىزلارنى شەكىللەندۇرگەن . ساپىقى قېلىن ، ئېتىنىڭ رەڭگى توق قىزىل ، شىرنىلىك ، تەملىك ، ئۇرۇقى سۇس جىگەر رەڭدە .


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏