چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
ئاق چاپان قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ خوتەن ، كېرىيە ، چەرچەن رايۇنلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ .
ئاق چاپان قوغۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ خوتەن ، كېرىيە ، چەرچەن رايۇنلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈش كۈچى ئاجىز، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 280 سانتىمېتىر . توملۇقى 1.3 سانتىمېتىر ، شاخلىنىش كۈچى ئوتتۇراھال، پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش ۋاقتى 87 كۈن ئەتراپىدا ، پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 2.6 كىلوگرام كېلىدۇ، بۇ خىل سورت توشۇش ، ساقلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز.
بىرىنجى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسى پىلەكنىڭ ئالتىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئانىلىق گۈل چچېچىكى ئاساسى پىلەكنىڭ ئالتىنچى بوغۇمىدىن چىققان يان پىلىكنىڭ بىرىنچى بوغۇمدا ئۆسىدۇ . ئانىلىق گۈل ئېچىلىپ 37 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ ، گۈلى قوش جىنىسلىق .
ئاق چاپان قوغۇننىڭ شەكلى ئۇرچۇقسىمان ، دىئامېتىرى 14.6 *29.7 سانتىمېتىر ، پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلىدۇ ، شاپاق تەگ رەڭگى بوز، ئۈستىدە يېشىل رەڭلىك داغ ئىزى شەكىللەنگەن ، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.4 سانتىمېتىر ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 2.3 سانتىمېتىر ، رەڭگى ئاق يېشىل، شىرنىلىك ،تالاسى ئاز ، تەمى ئوتتۇراھال قەنت مىقدارى % 14.6 -7.2 ئەتراپىدا.
ئۇرۇقى ئاق سېرىق رەڭدە ، ئېللىپىس شەكىللىك ، ئۇزۇنلۇقى 1.48 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.6 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 74 گرام كېلىدۇ .
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى