چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
ئاق تۇمشۇق قوغۇن مەكىت ناھىيىسىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورت توشۇشقا بىر قەدەر چىداملىق ، ساقلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز.
ئاق تۇمشۇق قوغۇن مەكىت ناھىيىسىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ . بۇ خىل سورتنىڭ ئۆسۈش كۈچى ئوتتۇراھال ، ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 320 سانتىمېتىر ، توملۇقى 1.4 سانتىمېتىر ، شاخلىنىش كۈچى ئوتتۇراھال، پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش ۋاقتى 86 -97 كۈن ئەتراپىدا ، پىشقاندىكى يەككە ئېغىرلىقى 2.9 كىلوگرام كېلىدۇ ، بۇ خىل سورت توشۇشقا بىر قەدەر چىداملىق ، ساقلاشقا چىدامسىز ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز.
بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسى پىلەكنىڭ ئالتىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئانىلىق گۈل چېچىكى ئاساسى پىلەكنىڭ سەككىزىنچى بوغۇمىدىن چىققان يان پىلىكنىڭ بىرىنچى بوغۇمدا ئۆسىدۇ . ئانىلىق گۈل ئېچىلىپ 38 - 42 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ، گۈلى قوش جىنىسلىق .
ئاق تۇمشۇق قوغۇنىنىڭ شەكلى يۇمىلاق، دىئامېتىرى 16.6 * 26 سانتىمېتى، پىشقاندا مېۋە ساپىقى تەبىئىي ئۈزۈلىدۇ ، شاپاق تەگ رەڭگى سۇس سېرىق ، ئۈستىدە يېشىلرەڭلىك داغ ئىزى شەكىللەنگەن ، شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 0.57 سانتىمېتىر ، ئېتىنىڭ قېلىنلىقى 2.8 سانتىمېتىر ، رەڭگى ئاق ، شىرنىلىك ، تالاسى ئاز، تەمى ئوتتۇراھال قەنت مىقدارى % 13.2 - 7.4 ئەتراپىدا.
ئۇرۇقى قېنىق سېرىق رەڭدە ، ئېللىپىس شەكىللىك ، ئۇزۇنلۇقى 1.3 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.5 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 64 گرام كېلىدۇ .
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى