چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بېگېموت دۇنيادىكى ئاغزى ئەڭ چوڭ بولغان قۇرۇقلۇق سۈت ئەمگۈچى ھايۋىنى. ئۇنىڭ بەدىنى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، توپلىشىپ ياشايدۇ، ئىللىق ھاۋا كىلماتىنى ياخشى كۆرىدۇ، كۈندۈزى ئۇخلاپ، كەچتە يېمەكلىك ئىزدەيدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بېگېموت

خەنزۇچە ئاتىلىشى :河马

ئىنگلىزچە نامى :Common Hippopotamus، Large Hippo، Hippopotamus

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :تۇياقلىقلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :بېگېموتلار ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :بېگېموت ئۇرۇقدىشى

لاتىنچە نامى :Hippopotamus amphibius

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :چوشقا شەكىللىكلەر كەنجى تۈركۈمى

سىرتقى شەكلى 

4پارچەبېگېموتبېگېموت قۇرۇقلۇقتىكى ئافرىقا پىلىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئاسىيا پىلى، ئافرىقا ئورمانلىق پىلى، ئاق كەركىدان، ھىندىستان كەركىدىنى قاتارلىقلار سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، گەۋدىسى چوڭ ھەم كېلەڭسىز، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 300-360 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 56 سانتىمېتىر، ئادەتتە بەدەن ئېغىرلىقى 0.9-1.8 توننا ئارىلىقىدا، لېكىن بىر ئاز پاكار، پۇت - قولى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى پەقەت 140-160 سانتىمېتىر، پىلنىڭ ئىگىزلىكىنىڭ يېرىمىچىلىكمۇ كەلمەيدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏