چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تۇرپان ئالا تاۋۇزى بۇ خىل تاۋۇز تۇرپان ، پىچان ناھىيلىرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ . ئۆسۈپ يىتىلىشى كۈچلۈك .

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش 

تۇرپان ئالا تاۋۇزى بۇ خىل تاۋۇز تۇرپان ، پىچان ناھىيلىرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ . ئۆسۈپ يىتىلىشى كۈچلۈك ، بۇ خىل سورت توشۇشقا چىداملىق .ئۇزۇۋىلىنغاندىن كېيىن ئىككى ئاي ئەتراپىدا ساقلىغىلى بولىدۇ . 

سىرتقى شەكلى 

تۈپى 

تۇرپان ئالا تاۋۇزى ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 528 سانتىمېتىر ، توملۇقى 1.1 سانتىمېتىر ، بوغۇم ئۇزۇنلۇقى 7.1 سانتىمېتىر ، توپلىنىشى كۈچلۈك ، يۇپۇرماق دىئامېتىرى 2.5 * 4.7 تۈپلىنىشى ئاجىز . پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش ۋاقتى 100 كۈن ، تاۋۇزنىڭ يەككە ئېغىرلىقى تەخمىنەن 9.5 كىلوگرام كېلىدۇ . 

چېچىكى

بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسىي پىلەكنىڭ ئالتىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئانىلىق گۈل چېچىكى 12 - بوغۇمىدا ئۆسىدۇ . گۈلىنىڭ كۆپ قىسمى تاق جىنىسلىق ، ئاز ساندىكىلىرى قوش جىنىسلىق . ئانىلىق گۈلى ئېچىلىپ 47 -52 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ.

مېۋىسى 

تاۋۇز شەكلى يۇمىلاق ، دىئامېتىرى 26.4 * 26.7 سانتىمېتىر ، شاپاق ئۇزۇنلۇقى 3.85 سانتىمېتىر ، ئاسان ئاجرىمايدۇ ، شاپاق تەگ سۇس يېشىل ، ئۈستىدە 14 -16 تالغىچە ھەرە چىشسىمان سىزىقچىلىرى بار . شاپىقىنىڭ قېلىنلىقى 1.9 سانتىمېتىر كېلىدۇ ،ئېتى قىزىل ، چۈرۈك، تالاسى ئوتتۇراھال ، شىرنىسى كۆپ ، قەنت مىقدارى % 10 - 6.5 ، تەمى ئوتتۇراھال ياخشى . ئۇرۇقى ئېللىپىسسىمان ، رەڭگى قارا ، ئۇزۇنلۇقى 1.28 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.7 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 127.7 گرام كېلىدۇ .


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏