چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تاغىل ئات (زېبرا) ئافرىقا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلىقىدا ياشايدۇ، تاشقى قىياپىتى ئادەتتىكى ئاتتىن ئانچە پەرىقلەنمەيدۇ، بەدىنىدىكى يول - يول سىزىقلار بولسا مۇھىتقا ماسلىشىدىغان قوغدىنىش رېڭى ھېسابىنىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تاغىل ئات

خەنزۇچە ئاتىلىشى :斑马

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :توم تۇياقلىقلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :ئات ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ئات ئۇرۇقدىشى

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :گىپپومورفا كەنجى تۈركۈمى

كەنجى ئۇرۇقدىشى :زېبرا كەنجى ئۇرۇقدىشى

لاتىنچە نامى :Equus quagga;Equus zebra;Equus grevyi

باشقا نامى :تاغىل ئات

سىرتقى شەكلى 

تۈزلەڭلىك تاغىل ئېتى  

ئوتلاق تاغىل ئېتىنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 200 - 240 سانتىمېتىر، بوينىنىڭ ئۇزۇنلىقى 120-140 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 47-57 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 350 كىلوگرام كېلىدۇ. قورساق قىسمىدا قارا سىزىقلار بولمىغاندىن باشقا، قالغان يەرلىرىدە كەڭ قارا سىزىقلار بولىدۇ، قوغداش رولىغا ئىگە. ئەركىكىنىڭ بوغۇز قىسمىدا ساڭگىلىما گۆش بار. ئافرىقىنىڭ شەرقى، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمى، سۇ ئوتلىرى مول بولغان ئىسسىق بەلباغ يايلاقلاردا ياشايدۇ. 

تاغ تاغىل ئېتى  

مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى ئاران 550 سانتېمىتېر، جۇغى ئەڭ كىچىك بىر خىل تاغىل ئات، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم ئىلمىي يوسۇندىكى نامى تاغىل ئات. قۇلىقى تار ۋە ئۇزۇن، يۇڭلىرى ناھايىتى قىسقا، تۇمشۇقى قوڭۇر سېرىق رەڭلىك، تېنىدىكى سىزىقچىلار توم ھەم ئاز. پەقەت غەربىي جەنۇبىي ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئافرىقادىكى تاغلىق رايونلاردىن چىقىدۇ.

ئىنچىكە يوللۇق تاغىل ئات 

تار سىزىقلىق تاغىل ئات ھازىرغىچە ساقلانغان ئەڭ چوڭ ئات تۈرىدىكى ياۋايى ھايۋانلار، مۈرە ئېگىزلىكى 145-155 سانتىمېتىر. سومالىغا تارقالغان، ئېفىئوپىيە جەنۇبىي قىسمىدىن تارتىپ كېنىيە شىمالىي قىسمىغىچە جايلاشقان. ئەڭ چوڭ پەرق ئېتىش ئالاھىدىلىكى شۇكى، باشقا تاغىل ئاتلارنىڭكىدىن ئىنچىكە يوللۇق. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏