چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ھازىرقى كېسەللىك تارىخى، مۇھىم زارىنى چۆرىدىگەن ھالدا كېسەل باشلانغاندىن تارتىپ كۆرۈنگىلى كەلگەنگە قەدەر كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىياتى، ئۆزگىرشى ۋە داۋالاش جەريانى قاتارلىقلار سىستېمىلىق خاتىرىلىنىدىغان ئارخىپ.

تەبىرى

(تولۇق كېسەللىك تارىخى) ئىسمى : تۇغۇلغان جايى جىنسى: دائىم تۇرۇشلۇق ئادرىسى: يېشى: خىزمەت ئورنى: مىللىتى: بالىنىسقا كىرگەن ۋاقتى: يىل ئاي كۈن نىكاھلىنىش ئەھۋالى: كېسەل تارىخىنى ئەيتىپ بەرگەن ۋاقتى: يىل ئاي كۈن ۋاقىت كەسپى: كېسەل تارىخىنى سۆزلەپ بەرگۈچى: كېسەل بولغان ۋاقتى: ئىشەنچىلىك دەرىجىسى: مۇھىم زارىنى يېزىش تەلىپى: كېسەلنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى، بەدەنلىك ئالامىتى ۋە داۋاملاشقان ۋاقتى قاتارلىقلارنىڭ مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلەندۈرلۈپ قىسقا مەزمۇنلۇق چۈشۈنىشلىك قىلىپ خاتىرىلىنىدۇ. ھازىرقى كېسەللىك تارىخى: مۇھىم زارىنى چۆرىدىگەن ھالدا كېسەل باشلانغاندىن تارتىپ كۆرۈنگىلى كەلگەنگە قەدەر كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى، تەرەققىياتى، ئۆزگىرشى ۋە داۋالاش جەريانى قاتارلىقلار سىستېمىلىق خاتىرىلىنىدۇ، خاتىرىنى كونكىرت تولۇق يېزىش تەلەپ قىلىنىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرىنىڭ خاتىرىدىن چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم. پەرقلەندۈرۈش ئەھمىيىتىگە ئىگە مەنپى ئالامەتلەرنىمۇ تولۇق يېزىش كېرەك.

مەزمۇنى

1. كېسەلنىڭ باشلىنىش ئەھۋالى: كېسەل باشلانغان ۋاقىت ۋە ئورۇن، كېسەلنىڭ باشلىنىشى، جىددى ياكى ئاستا بولۇشى، ئالدىنقى ئالامەتلىرى، ئېھتىماللىقى بولغان كېسەل سەۋەبچىسى ۋە ئامىللار.

2. ئاساسلىق ئالامەتلىرىنڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى: ھەربىر ئالامەتلەرنىڭ پەيدا بولىشى، تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى، كونكرىت، تولۇق، توغرا ئىپادىلەش كېرەك.

3. ئەگەشمە ئالامەتلەر: ئەگەشمە ئالامەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرىنى توغرا چۈشۈنۈشلۈك ئىپادىلەش كېرەك.

4. ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ” 10 نى سوراش “ خاتىرىسىنىڭ ھازىرقى بىلەن بىرلەشتۈرلىشى.

5. داۋالىنىش ئەھۋالى : ئەگەر بالىنىسقا كىرىشتىن بۇرۇن داۋالانغان بولسا، كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى ( ئىشلەتكەن دورىنىڭ ئىسمى، مىقدارى ، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ) ھەمدە ۋاقتى، ئۈنۈمى قاتارلىقلار خاتىرىلىنىدۇ. قويۇلغان دىئاگنۇزنىڭ ئىسمىنىمۇ يېزىپ قويۇش كېرەك.

6. ئەگەر قوزغالغان كېسىلى ئىككى تۈرلۈك ياكى ئىككى تۈردىن كۆپ بولسا ئايرىم-ئايرىم بۆلەكلەرگە بولۇپ يېزىلىدۇ.

7. ئەگەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش، باشقىلار ئۆلتۈرۋېتىش، ئۇرۇش ماجرا ياكى غەيرى گۇمانلىق ئەھۋاللارنى خاتىرىلىگەندە ھەقىقى ئەھۋالغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش ۋە پەرەز، كۆز قاراش قاتارلىقلارنى قوشۇپ قۇيۇشقا بولمايدۇ. ئۆتمۈش كېسەل تارىخى: ئۆتمۈش سالامەتلىك ئەھۋالىنى تولۇق سىستېمىلىق خاتىرىلەش ۋە چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. 

ئۆتمۈش سالامەتلىك ئەھۋالى

1. ئۆتمۈش سالامەتلىك ئەھۋالى: ئاجىزمۇ ياكى ساغلاممۇ.

2. قايسى خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان: يۇقۇملۇق كېسەل ، يەرلىك كېسەل، كەسپى كېسەل ياكى باشقا كېسەل قاتارلىقلارنى دىئاگنۇزى ۋە داۋالىنىش ئەھۋاللىرى ھەمدە ۋاقىت رېتىملىرى بىلەن خاتىرلەش كېرەك.

3. ئوپراتسىيە، سىرتقى زەخمىلىنىش، زەھەرلىنىش ۋە قان بېرىش قاتارلىقلار.

شەخسى تارىخى

1. كېسەلنىڭ تۇغۇلغان جايى، بولۇپمۇ تەبىئىي يۇقۇملانغان جايى ۋە يەرلىك يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان رايۇن قاتارلىقلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، كۆچۈپ كەتكەن يىل ئايلىرىغا چۈشەنچە بېرىش كېرەك.

2. ئولتۇراق جايىنىڭ مۇھىتى ۋە شارائىتى.

3. تۇرمۇشى ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتى، ھاراق تاماكىنى ئىستېمال قىلىش دەرىجىسى، مىجەز ئالاھىدىلىكى.

4. بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى كەسپى، خىزمەت ئەھۋالى، چاڭ توزان، زەھەرلىك ماددا، رادىئاكتىپ ماددىلار، يۇقۇملۇق كېسەل قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىش ئەھۋالى.

5. باشقا مۇھىم شەخسى تارىخى. رىئاكسىيە تارىخى: ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان دورا، يىمەكلىك قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى ۋە ئىپادىسى خاتىرلىنىدۇ.

نىكاھ تارىخى

نىكاھلانغاندىكى يېشى، ھەمرىيىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىقلار ئايال كېسەللەرنىڭ ھەيز، تۇغۇت ئەھۋاللىرى خاتىرىلىنىدۇ. ئادەت تارىخىنى خاتىرىلەش ئۆلچىمى ھەرقېتىمقى ھەيز كىلىش كۈن سانى ھەيز ئارىلىقىدىكى كۈن سانى دەسلەپكى ھەيىز ھەيز كۆرگەن توختىغاندىكى يېشى ۋە يېشى ئاخىر قېتىمقى ھەيز كۆرگەن ۋاقتى .

ئائىلە تارىخى

بىۋاستە تۇققانلىرى ۋە بىمارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان تۇققانلىرىنىڭ سالامەتلىك ۋە كېسەللىك ئەھۋالى خاتىرىلىنىدۇ. بەدەن تەكشۈرۈش بەدەن تېمپىراتۇرىسى (T ) تومۇرى (P) نەپەسلىنىشى (R) قان بېسىمى (BP)

ئومۇمى بەدەن ئەھۋالى

رەڭگى ، روھى ، شەكلى ، ھالىتى ، ئاۋازى ، پۇرىقى ، تىلى، تومۇرى قاتارلىقلارغا قارىلىدۇ.

تېرە، شىللىق پەردە ۋە لىمفا تۈگۈنى

تېرە، شىللىق پەردە، لىمفا تۈگۈنى. باش قىسمى : باش، كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، ئېغىز. بويۇن قىسمى : شەكلى، ھالىتى، كاناي، قالقانسىمان بەز، بويۇن تومۇرى. كۆكرەك قىسمى: كۆكرەك قەپىزى، ئەمچەك، ئۆپكە، يۈرەك، قان تومۇر. قورساق قىسمى: جىگەر، ئۆت، تال، بۆرەك، دوۋساق. ئەۋرەت قىسمى ۋە چىقىرىندى ماددىلار: ئومۇرتقا ۋە تۆت مۆچە : ئومۇرتقا، تۆت مۆچە، قول (پۇت)

تىرناقلىرى. نېرۋا سىستېمىسى: سېزىم، ھەركەت، تىز رىفلىكىس، تېرە رىفلىكىس، پاتولوگىيلىك رىفلىكىس . (بەدەن تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ئاخىرىغا قوشۇمچە قىلىنىدۇ) مەخسۇس بۆلۈملىك تەكشۈرۈش: ھەرقايسى مەخسۇس بۆلۈملەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يېزىلىدۇ. لابوراتۇرىيىلىك تەكشۈرۈش: بالنىستقا قوبۇل قىلغۇچى دوختۇرخانا ئۆزى تەكشـۈرگـەن ۋە باشـقـا دوخـتۇرخانىـلاردا تـەكشۈرۈتـكەن مۇھىـم بولـغـان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى. ئۇيغۇر تېبابەت ئانالىزى ۋە دىئالىكتىكىلىق تەھلىل: تۆت تەكشۈرۈشنىڭ يىغىندىسىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر تېبابەت تەھلىلى بويىچە تېبابەت ئانالىزىنى ۋە ئانالىز ئاساسلىرىنى تولۇق ئەتراپلىق خاتىرىلەيدۇ. ئۇيغۇر تېبابەتچە دىئاگنۇزى: كېسەللىك دىئاگنۇزى (ئاساسلىق كېسىلى ۋە باشقا كېسەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ۋاقىتلىق دىئاگنۇزى (بىر قانچە مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋاقىتلىق دىئاگنۇزىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) غەرب تىبابەت دىئاگنۇزى : ئاساسلىق كېسىلى ۋە باشقا كېسەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پىراكتىكانت ۋىراچ ( ئىمزا ) بالنىست ۋىراچ ( ئىمزا ) ئەگەر دىئاگنۇزنى ئۆزگەرتىشكە، قوشۇمچە قىلىشقا، تولۇقلاشقا توغرا كەلسە، ئەسلىدىكى دىئاگنۇزنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى تەرىپىگە خاتىرلەپ ئىمزاسىنى قويۇپ دىئاگنۇز قويغان ۋاقىتنى خاتىرلەپ قويۇش كېرەك. بالنىست كېسەل ئارخىپىنىڭ بەدەن تەكشۈرۈشلۈك مۇھىم مەزمۇنلىرى بەدەن تەكشۈرگەندە ئۆينىڭ تېمپىراتۇرىسى، يورۇقلۇق دەرىجىسى ۋە بەدەن تۇرقى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىش كېرەك، بەدەن تەكشۈرگەندە ئەستايىدىل، قول ئۇسۇلى توغرا ھەم يەڭگىل بولۇشى، ھەركىتى قوپال بولماسلىقى بىمارنىڭ ھەممە يېرىنى ئېچىپ قويماسلىقى كېرەك. پوزىتسىيەدە مۇلايىم، تەكشۈرۈشتە ئەتراپلىق، سىستېمىلىق، يۇقۇرىدىن تۆۋەنگە قاراپ رېتىمى بىلەن ئېلىپ بېرىش چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم. بىراق ئېغىر خەتەرلىك كېسەللەرنى تەكشۈرگەندە ئەمىلى ئەھۋالغا قاراپ، ئاساسلىق كېسىلى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك، تەكشۈرۈش كۆپ بولۇپ كېتىپ كېسەل ئازاۋىنى ئېغىرلىتىپ قويۇشتىن ۋە كېسەلنى ۋاقتىدا داۋالاشقا توسقۇنلۇق بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئەر دوختۇرلار ئايال بىمارلارنىڭ ئەۋرەت قىسمىنى تەكشۈرگەن ۋاقتىدا ، چوقۇم ئايال تىببى خادىمدىن بىرسى ياكى ئۈچىنچى شەخس ( تۇققانلىرى ) بىرسى نەق مەيداندا بولىشى كېرەك. 

ھاياتلىق بەدەن بەلگىلىرى بەدەن تېمپىراتۇرىسى (T) تومۇر سوقىشى (P) نەپىسى (R) قان بېسىمى (BP) 2. ئومۇمى بەدەن ئەھۋالى روھى ھالىتىگە قاراش : روھى ھالىتى، كەيپىياتى، چىراي قىياپىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەڭگىگە قاراش: چىراي شەكلى، رەڭگى، كېسەل چىراي قاتارلىقلار. شەكلىگە قاراش: ئۆسۈپ يېتىلىشى، قۇۋۋىتى، بەدەن شەكلى، بەدەن قۇۋۋىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھالىتىگە قاراش: بەدەن ھالىتى، ئومۇمى ھالىتى، مېڭىش ھالىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاۋازى: گەپ سۆزىنىڭ ئوچۇقلۇق دەرىجىسى، ئاۋازىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقى مەسىلەن دەسلىپىدە كۈچلۈك كېيىن ئاجىز، ناھايتى تۆۋەن، غەيرى ئاۋاز مەسىلەن يۆتەل، ھېق تۇتۇش، كىكرىش، خىقىراش، دەم سىقىش قاتارلىقلار. پۇراق: نورمالمۇ ئەمەس، ئالاھىدە پۇراق بارمۇ يوق قاتارلىقلار. تىل ئەھۋالى: تىلىنىڭ شەكلى ، ھەركىتى، تىل ئاستى تومۇرلىرى ، تىل ئۈستى، تىل ياقىسى، تىل ئۇچى قاتارلىقلارنىڭ رەڭگى، نەملىك دەرىجىسى قاتارلىقلار. تومۇر ئەھۋالى: شۇ ۋاقىتتىكى تومۇر ھەركىتىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى خاتىرلىنىدۇ.

3. تېرە شىللىق پەردە ۋە لىمفا تۈگۈنچىلىرى تېرە شىللىق پەردە: رەڭگى، قورۇق سىزىقچىلىرى، ئەۋرىشىمچانلىقى، تېمپىراتۇرىسى، تەر، قاپارتقۇ، ئاق داغ، جاراھەت، تاتۇق، ئىششىق، مونەكچە قاتارلىقلار. قان تومۇرلۇق ئىپادىسى مەسىلەن: ئۆمۈچۈك تورسىمان مەڭ، سۆسۈن داغ چۆكمىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئورنى ۋە چوڭ-كىچىكلىك دەرىجسى ئېنىق خاتىرلىنىدۇ.( تېرىدىكى تاتۇقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )

4. باش ۋە يۈز قىسمى باش قىسمى: غەيرى شەكىل، مونەكچە، باسقاندا ئاغرىش، چاچنىڭ ئەھۋالى (قويۇق شالاڭلىقى، رەڭگى، تارقىلىشى)، جاراھەت، تەمرەتكە، تاتۇق بار يوقلىقىغا قارىلىدۇ. كۆز قىسمى: قاش (تۆكۈلۈش بار-يوقلىقى)، كىرپىك (تەتۈر كىرپىك بار-يوقلىقى)، قاپاق (ئىششىق، ساڭگىلاش، يۇمۇلۇش، قىڭغىرلىق بار-يوقلىقى)، كۆز ئالمىسى (ھەركەت ئەھۋالى، تىترەش، ئالغاي بار-يوقلىقى) كۆز بىرىكتۇرگۈچى توقۇلمىلىرى (قان تولۇش، ئىششىق، تاتىرىش، قاناش، قاپارتقۇ بار-يوقلىقى)، كۆز ئېقى (سېرىقلىق، قان تولۇش بار يوقلىقى) مۈڭگۈز پەردە (دۇغ، تاتۇق، رىفلىكىس بار- يوقلىقى)، كۆز قارىچۇغى (چوڭ-كىچىكلىكى، ئىككى تەرىپى ئوخشاش چوڭلۇقتىمۇ ئەمەس، ئوخشاش يۇمۇلاقمۇ ئەمەس، ئىنكاسى تېز ياكى-ئاستىلىقى )، نۇرغا بولغان رىئاكسىيىسى قاتارلىقلار. قۇلاق قىسمى: قۇلاق سۇپرىسىنىڭ شەكلى، تاشقى قۇلاق يوللىرى راۋان ياكى راۋان ئەمەسلىكى، ئاجراتما ماددىلار بار يوقلىقى، ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچىنى باسقاندا ئاغرىشنىڭ بار-يوقلىقى، ئاڭلاش كۈچى قاتارلىقلار. بۇرۇن قىسمى: غەيرىلىك بار-يوقلىقى، ئوتتۇر پاسىلدا ئەگرىلىك ۋە تېشلىش بار يوقلىقى، بۇرۇن قالقىنىدا چوڭلاش ياكى توسۇلۇش بار-يوقلىقى، بۇرۇن ئاجراتما ماددىلىرىنىڭ ھالىتى، قاناش (ئورنى، مىقدارى)، بۇرۇن يان كاۋىكىنى باسقاندا ئاغرىش بار-يوقلىقى، پۇراش سېزىم ئەھۋالى قاتارلىقلار. ئېغىز بوشلىقى: كالپۇكى (رەڭگى، قاپارتقۇ، يېرىلىش ، يارا)، چىشى (قۇرت يىگەن، كەمتۈك، قالدۇق يىلتىز، يالغان چىش، ئورنى ئېنىق يېزىلىدۇ) چىش مىلىكى (رەڭگى، ئىششىق، يىرىڭداش ، قاناش، يىگىلەش) ئېغىز شىللىق پەردىلىرىدە قاپارتقۇ ، قاناش، يارا ھەمدە قۇلاق ئاستى بەز يول ئېغىزىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلار، بادامسىمان تەنچە (چوڭ-كىچىكلىكى، قان تولۇش يىرىڭداش ۋە ئاجراتما ماددىلارنىڭ بار-يوقلىقى، يالغان پەردە بار يوقلىقى) يۇتقۇنچاق (قان تولۇش، رىفلىكىسى قاتارلىقلار) ، كىچىك تىلى ( ئوتتۇردىمۇ ئەمەس ؟ ) قاتارلىقلار. بويۇن قىسمى ئىككى تەرىپى ئوخشاشمۇ ئەمەس، قارشىلىق ۋە قېتىش، باسقاندا ئاغرىش، مونەكچە، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىقلارنىڭ بار-يوقلىقى، بويۇن ئارتىرىيەلىرىدە غەيرى دولقۇن ۋە شاۋقۇن، بويۇن ۋىنالىرىدا كۆپۈشنىڭ بار-يوقلىقى، بويۇن جىگەر قايتىش يولى بار-يوقلىقى، كاناي ئوتتۇردىمۇ ئەمەس، پوخاق بار-يوقلىقى (ئەگەر بولسا شەكلى، قاتتىقلىق دەرىجىسى، باسقاندا ئاغرىش، تۈگۈنچە، تىتىرەش ۋە شاۋقۇن قاتارلقلارنىڭ بار-يوقلىقى ئىنىق قىلىپ ئىپادىلىنىش كېرەك) كۆكرەك قىسمى كۆكرەك قەپىزى: ئىككى تەرىپى ئوخشاشمۇ ئەمەس، غەيرىلىك، كۆتۈرلۈش، ئولتۇرشۇش، باسقاندا ئاغرىش، سۇلۇق ئىششىق، تېرە ئاستى يەللىك ئىششىقى، مونەكچە، ۋىنادا كۆپۈشۈش غەيرى قايتىش ئېقىمى قاتارلىقلارنىڭ بار-يوقلىقى خاتىرىلىنىدۇ . ئەمچەك: چوڭ-كىچىكلىكى، قىزىرىش ئىششىش، سىرىتقى كۆرنىشىنىڭ ئاپلىسىن پوستىغا ئوخشاپ قېلىشى، باسقاندا ئاغرىش، تۈگۈنچە ، مونەكچە قاتارلىقلارنىڭ بار-يوقلىقى خاتىرىلىنىدۇ . ئۆپكە : نەپەسلىنىشنىڭ تۈرى، ھەركەت دەرىجىسى ( ئىككى تەرىپى ئوخشاشمۇ ئەمەس ) نەپەسنىڭ تىزلىكى ۋە ئالاھىدىلىكى ، قوۋۇرغا ئارلىقى ( كىڭەيگەن، تارايغان، كۆتۈرۈلگەن ياكى ئولتۇرۇشقان)، ئاۋازدا تېتىرەش ئەھۋالى ، سۈركۈلۈش ئاۋازى ، تېرە ئاستى يەللىك ئىششىقى ، تولغىغاندەك ئاۋاز قاتارلىقلار، چەككەندىكى ئاۋاز ( سۈزۈك، بوغۇق، ئۇيۇل، ناغرا ئاۋاز قاتارلىقلار، ئەگەر غەيرىلىك كۆرۇلسە ئورنى بىلەن خاتىرىلىنىدۇ ). ئۆپكە جىگەر بوغۇق تاۋۇش چىگرىسى، ئۆپكە ئاستى چىگرىسى، نەپەس ئالغان ۋاقىتتا ئۆپكە تۆۋەن قىرىنىڭ ھەركەتلىنىش دەرىجىسى . نەپەس تاۋۇشىنىڭ خاراكتىرى (ئۆپكە پۇۋەكچە تاۋۇشى، شاخچە كاناي ئۆپكە پۇۋەكچە تاۋۇشى، كاناي تىپلـىق نەپەس تاۋۇشـى) تاۋۇشـنىـڭ كـۈچلۈكـلىك دەرىجىـسى (ئاجىزلىشىش، كۈچىيىش، يوقىلىش ) ھۆل، قۇرۇق خىرىپ تاۋۇشىنىڭ بار-يوقلىقى، سۆزلىگەندە غەيرىلىكنىڭ بار يوقلىقى. كۆكرەك پەردە سۈركىلىش تاۋۇشى، ئىسقارتقاندەك تاۋۇش قاتارلىقلارنىڭ بار-يوقلىقى قاتارلىقلار خاتىرىلىنىدۇ . يۈرەك : يۈرەك ئۇچى سوقۇش ھەركىتىنىڭ خاراكتىرى ۋە ئورنى ( ئەڭ كۈچلۈك ئورنى) ، تېتىرەش سۈركىلىش سېزىمى بار-يوقلىقى ( ئورنى، ۋاقتى، كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى). يۈرەكنىڭ ئوڭ، سول بوغۇق تاۋۇش چىگرىسى (جەدىۋەل بويىنچە ئىپادىلىنىدۇ ) ( cm )ئوڭ قوۋۇرغا ئارلىقى ( cm )سول Ⅱ Ⅲ Ⅳ Ⅴ ئوقرەك ئوتتۇرا سىزىقى

 يۈرەك سوقۇش ھەركىتىنىڭ رىتىمى، دولقۇنى، يۈرەك تاۋۇشىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى، بۆلىنىشى، ئۆپكە قىزىل تومۇر كىلاپان رايۇنى2-تاۋۇشى بىلەن ئائورتا كىلاپان رايۇنى2- تاۋۇشىنىڭ سېلىشتۇرمىسى، ئالاھىدە يۈرەك تاۋۇشى، ئات چاپتۇرغاندەك يۈرەك تاۋۇشى قاتارلىقلار. يۈرەكتە غەيرى شاۋقۇن بار-يوقلىقى، غەيرى شاۋقۇننىڭ ئورنى، خاراكتىرى، يۈرەك ھەركىتىنىڭ تارقىلىش يۆلىنىشى، قايسى ئورۇندا ئېنىق ئاڭلىنىدۇ، كۈچلۈكلىك دەرىجىسى. يۈرەك قېپىنىڭ سۈركىلىش تاۋۇشى، يۈرەكنىڭ رېتىمسىز ۋاقىتتىكى تومۇر رىتىمى بىلەن يۈرەك رىتىمىنى سېلىشتۇرۇش قاتارلىقلار خاتىرىلىنىدۇ . قان تومۇر ئارتىرىيە: بىلەك ئارتىرىيىسىنىڭ سوقۇش قېتىمى، رىتىمى ( رەتلىك-رەتسىز- لىكى) ئاتلاپ سوقۇش بار-يوقلىقى، ئوڭ سول بىلەك ئارتىرىيە تومۇر سۇقۇشىنىڭ پەرقى، ئارتىرىيە تومۇر دىۋارىنىڭ خاراكتىرى ، جىددىلىك دەرىجىسى، قاتتىقلىق دەرىجىسى قاتارلىقلار. يوتا ۋە يۇقۇرى بىلەك ئارتىرىيە تومۇرىدا ئوق ئېتىلغاندەك تاۋۇشنىڭ بار-يوقلىقى. ئەتراپى قان تومۇرلار: قىل قان تومۇرلارنىڭ سوقۇشى، ئوق ئېتىلغاندەك تاۋۇش، دولقۇنسىمان تومۇر، ئارتىرىيەنىڭ غەيرى سوقۇشى قاتارلىقلار. قورساق قىسمى قاراپ تەكـشـۈرۈش: ئىكـكى تەرەپنـىـڭ ئوخـشـاش ياكـى ئـەمەسـلىـكـى، چوڭ-كىچىكلىكى، كۆتىرىلىپ چىقىش، ئولتۇرۇشۇپ كېتىش، نەپەس ھەركىتى، قاپارتقۇ، سۆسۈن داغ، قورۇق، تاتۇق، تۈك، كىندىك چىقۇقى، ۋېنانىڭ ئەگرى-بۈگرى بولۇپ قېلىشى ۋە قان ئېقىمىنىڭ يۆلىنىشى، ئاشقازان ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش دولقۇنى، قورساق ئايلانمىسىنى ئۆلچەش ( قورساقتا سۇ ياكى ئۆسمە بولغان ۋاقىتتا). تۇتۇپ تەكشۈرۈش: قورساق يۇمشاقمۇ، جىددىمۇ، باسقاندا ئاغرىش بارمۇ-يوق، بېسىپ قويۇۋەتكەندە ئاغرىش ئەھۋالى ( باسقاندا ئاغرىغان ئورۇن ۋە ئاغرىش دەرىجىسى)، بېسىشنى رەت قىلامدۇ ياكى قىلمامدۇ. چېكىپ تەكشۈرۈش: يۆتكىلىشچان بوغۇق تاۋۇشنىڭ بار-يوقلىقى، مونەكچە (ئورنى، چوڭ-كىچىكلىكى، شەكلى، قاتتىق-يۇمشاقلىقى، باسقاندا ئاغرىشى، يۆتكىلىش دەرىجىسى). ئاڭلاپ تەكشۈرۈش: دۇمباق ئاۋازىسىمان تاۋۇش، يۆتكىلىشچان بوغۇق تاۋۇشنىڭ بار-يوقلىقى، ئۈچەينىڭ كىكىراش تاۋۇشىنىڭ بار-يوقلىقى، تومۇرلارنىڭ غەيرى شاۋقۇنى ۋە ئورنى،خاراكتىرى قاتارلىقلار. جىگەر: چوڭ-كىچىكلىكى، قىرىنىڭ توم ياكى نېپىزلىكى، باسقاندا ئاغرىمدۇ. سىرتى يۈزى سىلىقمۇ ئەمەس، تۈگىچەك بارمۇ-يوق. جىگەر بوغۇق تاۋۇش چېگرىسى ئەگەر جىگەر چوڭ بولسا، رەسىم بىلەن ئىپادىلەش كېرەك. ئۆت: قولغا ئۇرۇنامدۇ يوق، چوڭ-كىچىكلىكى، شەكلى، باسقاندا ئاغرىمدۇ. تال : قولغا ئۇرۇنامدۇ-يوق، چوڭ-كىچىكلىكى ، قاتتىقلىق دەرىجىسى، باسقاندا ئاغرىمدۇ، سىرتقى يۈزىنىڭ سىلىقلىق دەرىجىسى ۋە قىرىنىڭ توم ياكى نېپىزلىكى. تال بوغۇق تاۋۇش چېگرىسى، ئەگەر جىگەر چوڭ بولسا، رەسىم بىلەن ئىپادىلەش كېرەك. بۆرەك: چوڭ كىچىكلىكى، قاتتىقلىق دەرىجىسى، چەككەندە ئاغرامدۇ، يۆتكىلىش دەرىجىسى. سۈيدۈك خالتىسى: قولغا ئۇرۇنامدۇ يوق، ئۈستۈنكى چېگرىسى، سۈيدۈك نەيچىسىنى باسقاندا ئاغرىش ئورنى. ئەۋرەت قىسمى ۋە چىقىرىندى ماددىلار ئەۋرەت: زۆرۈرىيەت ئەھۋالىغا قاراپ تەكشۈرۈش قىلسا بولىدۇ. چىقىرىندى ماددىلار: بەلغەم، قۇسۇق، چوڭ-كىچىك تەرەت، تەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇرتقا ۋە تۆت مۆچە ئۇمۇرتقا: غەيرىيلىك، قېتىپ قېلىش، باسقاندا ئاغرىش بارمۇ-يوق، ھەركەت دەرىجىسى توسقۇنلۇققا ئۇچرامدۇ-يوق، ئىككى تەرىپىدىكى مۇسكۇللار تارتىشامدۇ-يوق باسقاندا ئاغرىمدۇ -يوق. تۆت مۆچە: مۇسكۇلللارنىڭ كۈچى، ئېچىلىشى، زەخمە، سۇنۇق، مۇسكۇل يىگىلەش قاتارلىقلارنىڭ بار-يوقلىقى، بوغۇملاردا قىزىرىش ئىششىش، ئاغرىش، باسقاندا ئاغرىش، سۇ يىغىلىش، چىقىپ كېتىش، بارمۇ-يوق. ھەركەت دەرىجىسى، غەيرىلىك بار-يوقلىقى ( قېتىپ قېلىش) ، پۇتىدا ئىششىق ۋە ۋېنانىڭ ئەگرى ئۆسۈشى بار-يوقلىقى، پۇت قول تىرناقلىرى (رەڭگى، شەكلى، سىلىقلىقى) قاتارلىقلار. نېرۋا سىستېمىسى سېزىم: ئاڭلاش سېزىمى، تېمپىراتۇرا سېزىمى، تۇتۇش سېزىمى، بوغۇم ئورنى سېزىمى قاتارلىقلار. ھەركەت: مۇسكۇللاردا تارتىشىش، يىگىلەش، پارالىچلىقنىڭ بار-يوقلىقى (ئورنى ۋە دەرىجىسى، تارتىشىش خاراكتىرلىكمۇ ياكى بوشۇشۇش خاراكتىرلىكمۇ ) نورمالسىز ھەركىتىنىڭ بار-يوقلىقى، قەدەم بىرلىگى ۋە قەدەم ھالىتىنىڭ قانداقلىقى. يۇزەكى رىفلىكىس : قورساق دىۋارى رىفلىكىسى، ئالقان رىفلىكىسى، ئۇرۇقدان ۋە مەقەتنى كۆتۈرۈش رىفلىكىسى. چوڭقۇر رىفلىكىس: 2 ، 3 ، باشلىق مۇسكۇلللارنىڭ رىفلىكىسى، بىلەك سۆڭەك پەردە رىفلىكىسى، تىز ۋە سونجاق رىفلىكىسى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏