چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بوغۇم ئاغرىش ھەركەت ئەزا كېسەللىكلىرىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامەت بولۇپ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇششاق- چوڭ بوغۇملاردا پەيدا بولغان يېقىمسىزلىنىشتىن ئىبارەت.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بوغۇم ئاغرىش

خەنزۇچە ئاتىلىشى :关节痛

ئاساسلىق ئالامىتى :ئۇششاق- چوڭ بوغۇملاردا پەيدا بولغان يېقىمسىزلىنىش

كېسەللىك سەۋەبى :ھەر خىل ئورۇلۇش ،سوقۇلۇش، بېسىلىش

تەبىرى

بوغۇم ئاغرىش ھەركەت ئەزا كېسەللىكلىرىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامەت بولۇپ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇششاق- چوڭ بوغۇملاردا پەيدا بولغان يېقىمسىزلىنىشتىن ئىبارەت.بوغۇم ئاغرىشنىڭ سەۋەبى ۋە كېسەللىكنىڭ ئېغىر- يىنىكلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن بوغۇم ئاغرىشنىڭ دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا كۆپرەك كۆرلىدۇ. بوغۇم ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ يىغىنچاقلىغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەپتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇيغۇر تېبابەت كلاسسىك ئەسەرلىرىدە « ۋەجئۇل مۇپاسىل » دىيىلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏