چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قاپاق تاۋۇز ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ شىمالىي شىنجاڭ رايۇنلىرىدا ئۆستۈرۈرلىدۇ .

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش 

قاپاق تاۋۇز ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ شىمالىي شىنجاڭ رايۇنلىرىدا ئۆستۈرۈرلىدۇ ، ئۆسۈش كۈچى ئاجىز ، پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش ۋاقتى 94 - 98 كۈن ، تاۋۇزنىڭ يەككە ئېغىرلىقى تەخمىنەن 5.4 كىلوگرام كېلىدۇ . ئۇرۇقىنىڭ كىچىكلىكىگە قاراپ ، ئۇنى بەزى كىشىلەر « كىچىك ئۇرۇقلۇق تاۋۇز » دەپمۇ ئاتايدۇ .

سىرتقى شەكلى 

تۈپى

ئاساسىي پىلەكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 421 سانتىمېتىر ، توملۇقى 0.65 سانتىمېتىر ، تۈپلىنىشى ئوتتۇراھال ، يۇپۇرماق دىئامېتىرى 1.6 *2.9 سانتىمېتىر.

چېچىكى

بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسىي پىلەكنىڭ ئالتىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئانىلىق گۈل چېچىكى 12- بوغۇمىدا ئۆسىدۇ .گۈلى تاغ جىنىسلىق . ئانىلىق گۈلى ئېچىلىپ 45 - 47 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ . 

مېۋىسى

تاۋۇز شەكلى ئۇزۇن قاپاق شەكىللىك ياكى ئۇزۇن يۇمىلاق شەكلىدە ، مېۋىسى شاپىقىدىن ئاسان ئاجرايدۇ.سىرتقى يۈزى ئاقۇچ يېشىل ، 10 تال يېشىل سىزىقچى بىلەن ئورالغان ، شاپىقى قاتتىق ، قېلىن ، ئېتى سۇس قىزىل ، چۈرۈك ، تالاسى ئاز ، شىرنىسى كۆپ ، قەنت مىقدارى % 10.7 - 6.9 ئەتراپىدا ، تەمى ئوتتۇراھال ، ئۇرۇقى كىچىك ، ئېللىپىس شەكلىدە ، ئاق سېرىق رەڭدە . 


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏