چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
ئالا قوزىۋاي تاۋۇز بۇ خىل سورت ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئاساسەن ئىلى دەريا ۋادىسىدا ۋە پىچان ناھىيەسىدە ئۆستۈرۈلىدۇ .
ئاساسىي پىلەك ئۇزۇنلۇقى 466.8 سانتىمېتىر ، توملۇقى 0.55 سانتىمېتىر ، ئوتتۇرىچە بوغۇم ئۇزۇنلۇقى 7.1 سانتىمېتىر ، شاخلىنىشى ئوتتۇرھال ،يوپۇرماق دىئامېتىرى 2.8 * 4.7 سانتىمېتىر .
بىرىنچى ئاتىلىق گۈل چېچىكى ئاساسىي پىلەكنىڭ بەشىنچى بوغۇمىدا ، بىرىنچى ئانىلىق گۈل چېچىكى ئاساسىي پىلەكنىڭ توققۇزىنچى بوغۇمىدا ئۆسىدۇ . گۈلى قوش جىنىسلىق . ئانىلىق گۈلى ئېچىلىپ 47 - 52 كۈن بولغاندا مېۋىسى پىشىدۇ .
تاۋۇز شەكلى ئېللىپىسسىمان ياكى تەتۇر قاپاق شەكىللىك ، دىئامېتىرى 17 * 23.6 سانتىمېتىر ،مېۋە شاپاق ئۇزۇنلۇقى 4.8 سانتىمېتىر ، شاپىقىدىن ئاسان ئاجرىمايدۇ . شاپاق تەگ رەڭگى سېرىق يېشىل ، 11 -14 تال يېشىل رەڭلىك سىزىقچە بىلەن قاپلانغان ، شاپىقى قاتتىق ، قېلىن ، سۇس قىزىل ، يۇمشاق تالاسى ئوتتۇراھال ، شىرنىسى كۆپ ، قەنت مىقدارى % 7.5 -6 ، تەمى ئانچە ياخشى ئەمەس .
ئۇرۇقى سوقىچاق قارا رەڭدە . ئۇزۇنلۇقى 1.35 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 0.74 سانتىمېتىر ، مىڭ دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى 128 گرام كېلىدۇ .
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى