چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تىمساھ سۇغا كىرسە ئۈزەلەيدۇ، قۇرۇقلۇققا چىقسا ئۆمىلىيەلەيدۇ. تېنى سېمىز، كۈچلۈك، كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە ئاڭلاش قۇۋۋىتى ناھايىتى سەزگۈر، سىرتقى قىياپىتى كېلەڭسىز بولغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ھەرىكىتى ئىنتايىن چاققان بولۇپ، « يەر بېغىرلىغۇچىلار شاھى » دېگەن نامى بار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تىمساھ

خەنزۇچە ئاتىلىشى :鳄鱼

ئىنگلىزچە نامى :Crocodile

تارقالغان رايونلار :تروپىك، سۇبتروپىك بەلباغدىكى دەريا، كۆل، دېڭىز قىرغىقى

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :يەر بېغىرلىغۇچىلار سىنىپى

تۈركۈمى :تىمساھ تۈركۈمى

ئائىلىسى :تىمساھ ئائىلىسى

لاتىنچە نامى :Crocodylus siamensis

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :قوش تۆشۈكلۈكلەر كەنجى سىنىپى

سىرتقى شەكلى 

4پارچەتىمساھتىمساھنىڭ ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12 مېتىر، ئېغىرلىقى 8.5 توننىغا يېقىن، ئەمما ھازىرقى چوڭ تىپتىكى تۈرلىرى تىمساھ تېنىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى 3 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 100 كىلوگىرامدىن ئاشىدۇ. بەدىنى نۇرغۇن كونۇسسىمان چىشلىق، پۇتى قىسقا، پەنجىسى، بارماقلىرى ئارىلىقىدا ئۈزگۈچى پەردىسى بولىدۇ. قۇيرۇقى ئۇزۇن ھەم قېلىن، پوستى قېلىن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏