چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش بولسا بىمارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان دورىلارنى قائىدە بويىچە قايناق سۇغا چىلاپ، دورا سۇيۇقلۇقىنى قىزىتىپ پارغا ئايلاندۇرۇپ ، ئۇنى مۇۋاپىق كېلىدىغان سايمان ياكى بىرەر قاچىنىڭ ياردىمى بىلەن نەپەس يوللىرى ئارقىلىق شۈمۈرگۈزۈپ، بىر قىسىم نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى ۋە باش ئاغرىش تۈرىدىكى ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنى مەقسەت قىلغان ئاددىي داۋالاش ئۇسۇلى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش

خەنزۇچە ئاتىلىشى :雾化吸入

چۈشەندۈرۈش

تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاشتۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش - بىمارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان دورىلارنى قائىدە بويىچە قايناق سۇغا چىلاپ، دورا سۇيۇقلۇقىنى قىزىتىپ پارغا ئايلاندۇرۇپ ، ئۇنى مۇۋاپىق كېلىدىغان سايمان ياكى بىرەر قاچىنىڭ ياردىمى بىلەن نەپەس يوللىرى ئارقىلىق شۈمۈرگۈزۈپ، بىر قىسىم نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى ۋە باش ئاغرىش تۈرىدىكى ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشنى مەقسەت قىلغان ئاددىي داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ئۇسۇل ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسىرى «ئالقانۇن فىت تىب»دا خېلى بۇرۇنلا كۆرسىتىلگەن، بۇ خىل ئۇسۇلنى مەيلى ئائىلىدە بولسۇن ياكى دوختۇرخانىدا بولسۇن قوللىنىش ئاسان بولۇپ ، ئەگەر ئائىلىدە بولسا ، دورا سۇيۇقلۇقىنى ئېغىزى كىچىكرەك قاچىدىن بىرىگە قۇيۇپ ، قاچا ئېغىزىدىن چىققان دورىنىڭ ھور (پار)نى پۇراش ياكى ئېغىزدىن شۈمۈرۈش ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر دوختۇرخانىلاردا بولسا، دورىلارنى مەخسۇس قازان ياكى ياكى قاچىلارغا سېلپ ، قاينىتىپ ، ئۇنىڭ ھورى قازان ياكى قاچىلارغا بېكىتىلگەن نەيچىلەر ئارقىلىق يۈز قىسمىنى بۇسلاش ياكى ئېغىزدىن شۈمۈرگۈزۈش . بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىمۇ ئۆزى ئاددىي ، ئۈنۈمى يۇقىرى بولغاچقا، ھازىر ھەرقايسى دوختۇرخانىلاردا ھەم ئائىلىلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏