چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قىزىل قانات ( فىلامىنگو)، قىزىل لەيلەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قىزىل قانات

خەنزۇچە ئاتىلىشى :火烈鸟

ئىنگلىزچە نامى :Phoenicopteridae、Phoenicopterus

تارقالغان رايونلار :ئوتتۇرا دېڭىز بويى ، شەرقتە ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمى، جەنۇبىي ئافرىقا

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ھازىرقى قۇشلار كەنجى سىنىپى

تۈركۈمى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

ئائىلىسى :قىزىل لەيلەك ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :قىزىل لەيلەك ئۇرۇقدىشى

تۈرى :قىزىل لەيلەك ئەترىتى

باشقا نامى :قىزىل لەيلەك، فىلامىنگو

سىرتقى شەكىلى

قىزىل قانات بىر ئۇرۇقداش ئالتە خىل : ئېگىزلىكى تەخمىنەن 80~ 160 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 2.5 ~3.5 كىلوگىرام، بۇلاردىن باشقا، تېنىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى لەيلەكچىلىك كېلىدۇ. تۇمشۇقى ئۇزۇن ھەم قېلىن، يۇقىرىقى تۇمشۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى پۇلتىيىپ پەسكە ئېگىلگەن، تۆۋەنكى تۇمشۇقى چوڭراق بولۇپ ئوقۇر شەكلىدە كېلىدۇ. بوينى ئۇزۇن ھەم ئەگمەچ، پۇتى ناھايىتى ئۇزۇن ۋە يالىڭاچ ھالەتتە، ئالدىنقى ئۈچ بارمىقىنىڭ ئارىلىقىدا ئۈزۈش پەردىسى بولىدۇ، كېيىنكى بارماقلىرى قىسقا بولۇپ يەرگە تەگمەيدۇ. قانىتىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى مۇۋاپىق، قۇيرۇقى كالتە، بەدىنىدىكى پەيلىرى ئاق، قىزىل گۈل رەڭ، ئۇچۇش پەيلىرى قارا، قىسقا پەيلەر ( قۇشنىڭ ) توق قىزىل بولىدۇ، كۆپ خىل رەڭ ئەستەرلىك، بەك چىرايلىق.

پۈتۈن پەيلىرى ئاساسەن ئوچۇق بولۇپمۇ قانىتىنىڭ تۈۋى قىسمىنىڭ پەيلىرى، پارقىراق، يىراقتىن كۆزەتكەندە، خۇددى بىر توپ ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقاندەك، شۇڭا قىزىل قانات دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۈرلەرنىڭ بەدەن شەكلى ناھايىتى غەلىتە بولۇپ، تېنى ئىنچىكە، باش كىچىك، ئورغاق شەكىللىك تۇمشۇقى ئىنچىكە ئۇزۇن ئەگرى تۆۋەنگە، ئالدى ئۇچى قارا، ئوتتۇرىسى سۇس قىزىل، تۈۋى قىسمى سېرىق رەڭلىك . سېرىق كۆزى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئاجايىپ چوڭ گەۋدىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ناھايىتى ماس ئەمەس. ئىنچىكە ئۇزۇن بوينى ئېگىلگەندە ئۇمۇرتقىسى « S » شەكىللىك، قوش قاناتلىق قانات يايدۇرۇپ، 150 سانتىمېتردىن يۇقۇرى بولىدۇ، قۇيرۇق پەيلىرى ناھايىتى قىسقا. بىر جۈپ ھەم ئىنچىكە، ھەم ئۇزۇن بولغان قىزىل پاچاق، پۇتىغا ئالدىغا ئۈچ بارماقلىق ئارلىقلىرىدا قىزىل تولۇق پالاق، ئارقا بارمىقى بولسا بىرقەدەر كىچىك ھەم تەكشى. 

6پارچەقىزىل قانات

لېكىن قىزىل رەڭ ئەسلىدە قىزىل قاناتلىق قۇشنىڭ پەي رەڭگى ئەمەس ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قوبۇل قىلغان لەيلىمە جانلىقلاردىن كەلگەن. 2008- يىلى گوللاندىيە لېيدېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالىم فرانسىسكو بۇدا پروفېسسور ۋە ئۇنىڭ تەجرىبە گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالار، توغرا كۋانت ھېسابلاش ۋاسىتىسى بىلەن بايقاش ئارقىلىق قىزىل قانات، سالمون بېلىقى، راك، قىسقۇچپاقا قاتارلىقلارنىڭ كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان قىزىل رەڭلىك بارلىققا كېلىشىدىكى سەۋەب، چۈنكى قىزىل قانات، سالمون بېلىقى، راك، قىسقۇچپاقا قاتارلىقلار تەركىبىدە قىسقارتىلىپ خەنزۇچە ئىسمى ئاستاكسانتىن دەپ ئاتىلىدىغان راك ھورمۇنى بار بولىدۇ، لېكىن ھايۋانلار بىرىكتۈرەلمەيدۇ، راك، كۆپ قىسىم يۈسۈنلەر ۋە لەيلىمە جانلىقلارنى يېمەكلىك قىلىش ئارقىلىق قىسقۇچپاقا قاتارلىقلار  ئۆسۈملۈكلەردىن راك ھورمۇنىغا ئېرىشىدۇ، قىزىل قانات يېمەكلىك ئارقىلىق كىچىك راك، بېلىجان، يۈسۈنلەر ( ئالگاي )، لەيلىمە جانلىقلار قاتارلىقلارنى يىيىش ئارقىلىق، ئەسلىدە ئاپپاق بىر پەينى نۇر ئۆتكۈزۈپ   ئوچۇق قىزىل رەڭدە كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىزىل بولسا قىزىل قانات بەدەن شۇنچە رەڭدار، شۇنچە ساغلام، قىزىل قانات شۇنچە يات جىنسلىقلىرىنى جەلپ قىلىدۇ، كۆپەيگەن ئەۋلادلىرى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏