چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دىئون بېلىقىنىڭ تېنى قىسقا، يۇمىلاق بولۇپ، سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارى ناچار. ئىسسىق بەلۋاغ دېڭىز يۈسۈنى ۋە مارجان خادا تاشلىرى ئەتراپىدىكى تۆۋەنكى قەۋەتتە ياشايدۇ، پۈتۈن بەدىنىدە ئۇچلۇق ھەم قاتتىق تىكىنى بولۇپ، قۇرۇقلۇقتىكى كىچىك كىرپىگەب اھايىتى ئوخشاپ كىتىدۇ. ئادەتتە بەدىنىدىكى تىكىنى تېنىگە چاپلىشىپ تۇرغاچقا، ئاسان بايقىغىلى بولمايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :دىئودون بېلىقى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :刺鲀

تارقالغان رايونلار :: ئۈچ چوڭ ئوكياننىڭ ئىسسىق سۇ دېڭىز رايونى

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

سىنىپى :سۆڭەكلىك بېلىقلار سىنىپى

تۈركۈمى :دەريا دېلىفىنى تۈركۈمى

ئائىلىسى :قىلتىرىقلىق بېلىقلار ئائىلىسى

لاتىنچە نامى :Diodontidae

باشقا نامى :پوركۇپىن بېلىقى

سىرتقى شەكلى 

6پارچەدىئودون بېلىقىتېنى كالتە، يۇمىلاق، بېشى بىلەن تېنىنىڭ تۆپىسى كەڭ ياپىلاق. تەن ئۇزۇنلىقى ئادەتتە 20-40 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 1-2 كىلوگىرام، قۇيرۇقى قىسقا ۋە كىچىك، يۇمۇلاق ئۇچلۇق. قاسرىقى چوڭ تىكەنلەرگە ئايلىنىپ كەتكەن، تىكىنى ناھايىتى ئۇزۇن، توم، قىسقا، تۇمشۇقى بىلەن قۇيرۇق ساپىقى يوق. ئاغزى تۇمشۇقىنىڭ ئۇچىدا، ئوتتۇرا، كىچىك شەكلى، يۇقىرى - تۆۋەن ئېڭەك چىشلىرى ھەرقايسى بىر ئېزىق چىش تاختىسىغا بىرلىشىپ كەتكەن. كۆزى ئوتتۇراھال چوڭ ياكى سەل چوڭ، يان ئۈستى تەرەپتە. بۇرۇن تۆشۈكى ئىككى ياكى يوق. ساقاق تۆشۈكى كىچىك ھەم قىسقا، يان تەرەپتە؛ كۆكرەك پالاقچىسى يان تەرەپتە؛ قورساق گىرۋىكىگە يېقىن، قۇيرۇق پالاقچىسى يۇمىلاق كېلىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏