چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش لەھەڭ ئەڭ چوڭ بېلىق بولۇپ، گەۋدىسىنىڭ چوڭلۇقى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھايۋان-كىتتىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. لەھەڭنىڭ ئۇزۇنلۇقى كىچىكى 18 سانتىمېتىردىن ، چوڭى 18 مېتىردىن ئاشىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :لەھەڭ

خەنزۇچە ئاتىلىشى :鲨鱼

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :كۆمۈرچەكلىك بېلىقلار سىنىپى

تۈركۈمى :پلېۋروترېماتا تۈركۈمى

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ياپىلاق ژابرىلىق ئاكۇلا كەنجى سىنىپى

خەنزۇچە باشقا نامى :鲛、沙鱼、鲛鲨

باشقا نامى :ئاكۇلا

سىرتقى شەكىلى

9پارچەلەھەڭ لەھەڭنىڭ تۇرقى ئالاھىدە بولۇپ، ئېغىزى باش قىسىمىنىڭ قورساق تەرىپىدە بولسا، لەھەڭنىڭ ئېغىزىنىڭ بېشىنىڭ ئالدىدىكى ئۇچىدا بولىدۇ، ئۇنىڭ ساقىلىمۇ باشقا بېلىقلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ساقاق يايىدا مۈڭگۈز ماددىسىدىن تۈزۈلگەن ساقاق تىرنىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان ئاق ياكى سېرىق داغلار بولىدۇ. گەۋدىسىنىڭ يان تەرىپىدە بېشىنىڭ ئارقىسىدىن تارتىپ قۇيرۇقىنىڭ ئۇچىغىچە ئاق ياكى سېرىق 30 تال توغرا سىزىق بولىدۇ. ھەربىر يېنىدا ئىككى تال كۆرۈنەرلىك تېرە قىرلىرى بولىدۇ. ئۇ غەلىتە كۆرۈنىدۇ. ئوكيان لەھەڭ دائىم توپلىشىپ، تىزىلىپ سۇ يۈزىدە ئۈزىدۇ. بەزىدە يېقىن دېڭىزلارغا كېلىپ قالىدۇ. 

لەھەڭ ئەڭ چوڭ بېلىق بولۇپ، گەۋدىسىنىڭ چوڭلۇقى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھايۋان-كىتتىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. لەھەڭنىڭ ئۇزۇنلۇقى كىچىكى 18 سانتىمېتىردىن ، چوڭى 18 مېتىردىن ئاشىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏