چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شىرنىڭ باشقا مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلار بىلەن بولغان پەرقى شۇكى، ئۇلار توپلىشىپ ياشايدۇ، بىر شىر توپى ئادەتتە 4-12 گىچە تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بولغان چىشى شىر، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ھەم 1-2 ئەركەك شىردىن تەركىب تاپىدۇ .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شىر

خەنزۇچە ئاتىلىشى :狮子

ئىنگلىزچە نامى :Lion

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :گۆشخورلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :مۈشۈك ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :يىلپىز ئۇرۇقدىشى

تۈرى :شىر

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :يېرىق پۇتلۇقلار كەنجى تۈركۈمى

كەنجى ئائىلىسى :يىلپىز كەنجى ئائىلىسى

كەنجى ئۇرۇقدىشى :شىر كەنجى ئۇرۇقدىشى

كەنجى تۈرى :2 خىل

لاتىنچە نامى :Panthera leo

باشقا نامى :狮、狻猊

جەنۇبى ئافىرقىدىكى نامى :Leeu

سىرتقى شەكىلى

7پارچەشىرشىر دۇنيادىكى بىردىنبىر ئىككى ھالەتتىكى مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋان . ئەركەك شىر يېلى بار، ھالبۇكى چىشى شىرنىڭ يوق . شىر مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلار ئىچىدە  ئەڭ چوڭ باش سۆڭىكى بىلەن مۈرىسى ئېگىز ھايۋان. ئەركەك  شىرنىڭ بېشى تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 35-38 سانتىمېتىر، چىشى شىرنىڭ ئادەتتە 28-32 سانتىمېتىر. جەنۇبىي ئافرىقا ، مىسىر قاتارلىق جايلاردىكى شىرنىڭ بېشى تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە 37 سانتىمىتىر ئېشىپ، 38 سانتىمىتىر ۋە 39 سانتىمىتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلىقى 40.2 سانتىمېتىغا يېتىدۇ . شەرقىي ئافرىقىدىكى شىرلارنىڭ بېشىنىڭ ئۇزۇنلىقى ئادەتتە 35 -37.5 سانتىمېتىر ئارىلىقىدا بولىدۇ . ئادەتتىن تاشقىرى بەدەن شەكلى دەپ قارىلىدۇ ، شىمالىي ئافرىقىدىكى شىرنىڭ باش سۆڭىكى ئانچە چوڭ ئەمەس ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئاران 36 سانتىمىتىر ، بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ دائىرىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەرقىي ئافرىقا شىر بىلەن ئوخشاش كېلدۇ. ئاسىيا شىرنىڭ تېنى بىلەن ئافرىقا شىرىنىڭ تېنى بىلەن سېلىشتۇرغاندا سەل كىچىك ، ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3-3.2 مېتىر . بۇنىڭ ئىچىدە ئەركەك شىرنىڭ ئېغىرلىقى 180-220 كىلوگىرام، چىشى شىرنىڭ ئېغىرلىقى 130-200 كىلوگىرام كېلىدۇ. ئافرىقا شىرنىڭ تۈكى ئاسىيا ئەركەك شىر تۈكىگە قارىغاندا قويۇقلۇقى بىر قەدەر ئاز، ئۇنىڭ قورساق قىسمىغا ۋە ئالدى پۇتىنىڭ جەينەك قىسملىرى ئاز مىقداردا ئۇزۇن تۈكلۈك ، قۇيرۇق ئۇچى شارسىمان تۈكلۈك ھەم سەل چوڭراق بولىدۇ . 

شىرنىڭ جۇغى چوڭ، گەۋدىسى تەكشى ، پۇت - قولىدا ئوتتۇرا-ئۇزۇن پۇت بارمىقى بولىدۇ . بېشى چوڭ ھەم يۇمىلاق ، تۇمشۇق قىسمى بىرقەدەر قىسقا، ئاڭلاش،  پۇراش سېزىمى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان . شىرنىڭ قۇلىقى بىرقەدەر قىسقا ، قۇلىقى بەك يۇمىلاق ، ئانا شىرنىڭ قۇلىقى ئاساسەن قىسقىغىنا يېرىم يۇمىلاق ، ئالدى پۇتى كەينى پۇتىغا قارىغاندا تېخىمۇ قاۋۇل، تىرناقلىرى ئىنتايىن كەڭ . قۇيرۇقى نىسبەتەن ئۇزۇن ، ئۇچى  قېنىق رەڭلىك ئۇزۇن تۈكلۈك. قوزۇق چىش ۋە كەسكۈر چىشلىرى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان؛ ئۈستۈنكى كەسكۈر چىشلىق ئۈچ ئۇچلۇق چىشلىق، كەسكۈر چىشلىقلار ئىككى چىشلىق ئۇچلۇق ،  ئادەتتە باشقا ئىسسىق قانلىق ھايۋانلارنى يوشۇرۇن ئۇسۇلدا ئۆلتۈرۈپ ئۇرۇقلۇق قىلىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏