ئاداق يېزىسى

ئاداق يېزىسى

ئاداق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى ئارا تۈرك ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا 35 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئاداق يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 1215.7 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 苇子峡乡
ئۆلكىسى ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قۇمۇل ۋىلايىتى ئاراتۈرك ناھىيەسى
نوپۇسى 654 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى wěi zǐ xiá xiāng

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاداق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى ئاراتۈرك ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا 35 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

يېزىنىڭ شەرقتىن غەربكە بولغان ئۇزۇنلۇقى 70 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا بولغان كەڭلىكى 32 كىلومېتىر، كۆلىمى 1215.7 كۋادرات كىلومېتىر، قىروسىز مەزگىلى 153 كۈن، قۇياش نۇرى چۈشۈش ۋاقتى 3250 سائەت، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 60 مىللىمېتىر.

147 ئائىلە، 654 ئادەم ئولتۇراقلاشقان، ئەمگەك كۈچى 377 ئادەم.

تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2300 مو بولۇپ، كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى3، 4 مو، ئەمەلىي كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 6 مو. ئاساسلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، زىغىر، قوغۇن قاتارلىقلار بار.

ئاداق يېزىسى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان، ئورمانىچىلق بىلەن چارۋىچىلىقنى قۇشۇمچە قىلغان، 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن يېزىدىكى چارۋا-مال سانى 3285 تۇياققا يەتكەن.

يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا قەدىمىي قەبرىلەر توپى بار، ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى.

ئاداق يېزىسىنىڭ يەر تۈزۈلىشى تاغ جىلغا، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر شالاڭ، كۆپ قىسمى چۆللۈك، يېرىم قاقاسلىق. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1487 مېتىر، دېڭىز يۈزىدىن تۆۋەن يېرى 603 مېتىر، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1190 مېتىر.

يېزا بويىچە تېرىلغۇ يەر 182.37 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق 36.7 مىڭ مو، ئېدىرلىق 13.18 مىڭ مو، چۆل تۈزلەڭلىك 80.61 مىڭ مو، جىلغا 51.88 مىڭ مو.

ئاداق يېزىسىدا ئاساسلىقى خۇديېگۇ، خاسىيەتلىك بۇلاق بېلىق غارى، قۇياش كالىندار مەيدانى قاتارلىق ساياھەت نوقتىلىرى بار.

ئاداق يېزىسىدا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئېقىن سۇ بار، ۋادى، جىلغىلاردا دەرەخلەر قۇيۇق ئۆسكەن، سۇ ئوتلىرى مول، ئېقىۋاتقان ئېقىن سۈزۈك، مەنزىرىسى گۈزەل، كىلىماتى يېقىملىق، ساياھەت قىلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق ياخشى جاي، ياۋايى ھايۋانلاردىن ئاق بوغۇز بۆكەن بار.

ئاداق يېزىسى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەردىن يۇلغۇن، چاكاندا ۋە شالاڭ ئۆسكەن توغراق قاتارلىقلار بار.

يېزا تەۋەسىدىكى 300 مو سىبىرىيە ياۋا ئۆرۈكى بار، يەرلىك ئاممىنىڭ ئىنكاسدا، ئاداق ئۆرۈكىنى ئىستىمال قىلغاندا، كەيپىياتنى تەڭشەشكە، تومۇز كۈنلىرى تەشنالىقنى قاندۇرغىلى، قىش پەسلىدە زۇكامغا تاقابىل تۇرغىلى، ئۈچەي يولىنى سىلىقلاش ھەمدە مەستلىكنى يېشىش قاتارلىق رولى بار. بولۇپمۇ ئۈرۈك چېيىدا، ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولغان. ئۇنىڭ زۇكامنى داۋالاش ئۈنۈمى تېز، ۋاقىت ئارىلىقى قىسقا، ئاسانلىقچە قايتا قوزغىماسلىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. 

ئاداق يېزىسىدا، 70 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ، 85 ياشتىن ئاشقان بوۋايلار ياشانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ % 20 ىنى ئىگەللىگەن. ئەڭ يۇقىرى ئۆمرى كۆرگەن ئادەم 115 ياشلىق يەتكەن، ئۆپكە تۇبېركۇليوز كېسىلى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان، دەلىللەشكە ئاساسلانغاندا ئۇزاق مۇددەت بۇ ئۆرۈكنى ئىستېمال قىلغانلىققا مۇناسىۋەتلىك بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#