ئۇيغۇرچە نامى دادامتۇ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 57.5 كۋادرات كىلومېتىر
پىنيىنچە يېزىلىشى dá dá mù tú xiāng
خەنزۇچە ئاتىلىشى 达达木图乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرى
نوپۇسى 9711 ئادەم
تېلېفون رايون نومۇرى 0999

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دادامتۇ يېزىسىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەردادامتۇ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى غۇلجا شەھىرىگە جايلاشقان. دۆلەت يولى 218-لىنىيىسى بىلەن چېگرالانغان، شەرقىي غۇلجا شەھىرى كېپەكيۈزى يېزىسى، پەنجىم يېزىسى بىلەن تۇتاشقان، غەربتە بايانداي بازىرى، يېزا ئىگىلىك 4-شىسى نەسىللىك كۆپەيتىش مەيدانى بىلەن تۇتاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن  پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن تۆت كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 57.5 كۋادرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 48036 مو.

دادامتۇ يېزىلىق پارتكوم نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، تۈپتىن ئىدىيىۋى قاراش جەھەتتىكى پەرقنى تېپىپ چىقىپ، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە تازا كۈچ سەرپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆمۈر يول يولۇچى توشۇش بېكىتى قۇرۇلۇشىنى ۋە غۇلجا شەھىرى سىغىمىنى كېڭەيتىشتەك ئىككى چوڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ «تۆت چوڭ ئىستراتېگىيە»نى چىڭ تۇتۇپ، سىيىر بېقىشنى، كۆكتات تېرىشنى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم نۇقتىنى كۈچەيتىپ، جۇغراپىيىلىك ئورۇن ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتكەن، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرغان.

دادامتۇ يېزىسى1. يېزا ئىگىلىك رايونىدا چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چارۋىچىلىقنى زورايتقان . يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى چوڭ چارۋىچىلىق قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، پەن-تېخنىكا سېلىنمىسى ئاساس قىلغان، سورتىنى ياخشىلىغان ۋە ئائىلە چارۋىچىلىقىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان، بۇنىڭ بىلەن بۇلاق كەنتى ۋە ئۇلاستاي كەنتىدە 500 تۇياقتىن كۆپرەك سۈپەتلىك سۈت كالىسى بېقىش بازىسى قۇرۇلغان.

يېزا 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، ئۆلچەملەشكەن ئۇرۇقلاندۇرۇش پونكىتى قۇرغان، بۇلاق كەنتىدە، مەخسۇس 70 مو تېرىلغۇ يەرنى  كۆلەملەشكەن سۈت كالىسى بېقىش بازىسى قىلىپ قۇرغان، 15 ئائىلىك (ئۈچ ئائىلە پارتىيە ئەزالىرى) ۋە باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، باقمىچىلىق رايونى قىلغان. كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۇلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويغان، يەرنى ھەقسىز ئۈچ يىل ئىشلىتىشكە بەرگەن. كەنت ئاھالە كومىتېتى توك، يول، نەسىللەندۈرۈش پونكىتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالغان.

600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ 58 تۇياق ئەلا نەسىللىك سۈت كالىسى كىرگۈزگەن. يەنە، دېلۇڭ گۇرۇھى بۇ باشلامچى كارخانىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەڭ كەڭ دائىرىدە يېزا جانلىقلىرى باقمىچىلىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن، تۈرتكە بولغان، تەرەققىي قىلغان.

دادامتۇ يېزىسى2. كۆكتات بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆكتات كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغان. يېزا كۆكتات كۆلىمى 6780 موغا يېتىپ، كۆكتات ئومۇمىي كىرىمى 13 مىليون يۈەن بولغان،  2006-يىلىغا كەلگەندە ، پىلاندىكى كۆكتات كۆلىمى 12 مىڭ مو، ئومۇمىي كىرىمى 30 مىليون يۈەن بولۇش ئۈچۈن، مۇنداق تەدبىرلەر قوللىنىلغان: بىرىنچى، تېخنىك تىپىنى ئۆزگەرتىش، تەربىيىلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش. ئىككىنچى، كەسپىي كۆكتات جەمئىيىتى قۇرۇش. ئۈچىنچى، پەن-تېخنىكا قىشى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تېزدىن ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش. تۆتىنچى، كۆكتات تېرىش ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلە كۆكتات تېرىقچىلىقىنى ئاساس قىلىپ، كۆكتات پەن-تېخنىكا تەركىبىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش. 

3. ئۇل مۇئەسسە قۇرۇلۇشىنىڭ قەدىمى تېزلىتىلگەن. 880 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ پىلىچى دەرياسىدا كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش توسمىسى ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان، 1 مىليون 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ نوغايتۇ كەنتىنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان.

دادامتۇ يېزىسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 25155 ئادەم، ئائىلىلەر ئومۇمىي سانى 5596 ئائىلە. بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 23507 ئادەم، 4687 ئائىلە، ئەمگەك كۈچى ئاساسلىقى ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق 14 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 66.98 نى، خەنزۇلار % 18.6 نى ، خۇيزۇلار % 90.95 نى، قازاقلار % 3.9 نى، باشقا مىللەتلەر % 2.77 نى ئىگەللىگەن. قارىمىقىدا بەش مەمۇرىي كەنت، 37 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى ھازىرقى خىزمەتتىكى كادىر 134 كە، ئوقۇتقۇچى 307 گە، 2003-يىلى دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3095 يۈەنگە يەتكەن.

دادامتۇ يېزىسى قارمىقىدا : ئۇلاستاي كەنتى، دادامتۇ كەنتى، نوغايتۇ كەنتى، تۆۋەنكى ئاقتۆپە كەنتى، بۇلاقداش دادامتۇ كەنتى قاتارلىقلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    100%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#