نىلقا بازىرى

نىلقا بازىرى

نىلقا بازىرى ئۆزەن دەرياسى ۋە قاش دەرياسى كېسىشكەن لاتقا تۈزلەڭلىكىكە جايلاشقان، نىلقا ناھىيەسىنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي مەركىزى.

ئۇيغۇرچە نامى نىلقا بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 10053 مىڭ كىۋادرات
كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 尼勒克镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى نىلقا ناھىيەسى
نوپۇسى 149 مىڭ ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى ní lè kè zhèn

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

نىلقا بازىرىنىلقا بازىرى ئۆزەن دەرياسى ۋە قاش دەرياسى كېسىشكەن لاتقا تۈزلەڭلىكىكە جايلاشقان، نىلقا ناھىيەسىنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي مەركىزى.

شەرقتە كۆكخوتقور موڭغۇل يېزىسى بىلەن تۇتاشقان، جەنۇبتا كېلەڭ يېزىسى بىلەن قارىشىپ تۇرغان، غەربىي ئۆزەن يېزىسى شىبۇچىك كەنتى بىلەن قوشنا، شىمالىي دۆلەت مۇداپىئەسى تاشيولى، ئۆزەن يېزىسى بىلەن تۇتاشقان. كۆلىمى 127 مىڭ مو. خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، موڭغۇل قاتارلىق 25 مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ناھىيە بازىرى مەدەنىيەت يولىغا جايلاشقان.

نىلقا ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسى ئۈستىدىكى بىر تال مەرۋايىت. بايلىقى مول، نام چىقارغان ئادەملەر كۆپ داڭلىق يۇرتى. نەچچە مىڭيىللاردىن بېرى، ھەر مىللەت خەلقى بۇ گۈزەل زىمىن نىلقىدا كۆپەيگەن ۋە ياشاپ كەلگەن.

نىلقا بازىرى تەڭرىتاغنىڭ غەربىي ئوتتۇرا بۆلىكىگە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي شىمالىي كىندىكىگە جايلاشقان، غەربىي تەرىپى غۇلجا ناھىيەسى بىلەن تۇتاشقان، غەربىي شىمالى جىڭ ناھىيەسى بىلەن تۇتاشقان، شەرقىي شىمالى شىخۇ شەھىرى بىلەن تۇتاشقان، شەرق تەرىپى خېجىڭ ناھىيەسى بىلەن تۇتاشقان، شەرقىي جەنۇبى كۈنەس ناھىيەسى بىلەن تۇتاشقان، غەربىي جەنۇبى توققۇزتارا ناھىيەسى يىراقتىن قارىشىپ تۇرغان. ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى 600 كىلومېتىر، غەربتە غۇلجا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 113 كىلومېتىر.

نىلقا بازىرىنىلقابازىرىنىڭ تۆت ئەتراپى ئېگىز تاغ بىلەن ئورالغان، جىلغا كەڭ تارقالغان، غەربىي شىمال تەرىپىدە كۆگىرچىن تېغى، شىمال تەرىپىدە پولىكنۇ تېغى، شەرق تەرىپىدە ساي، خابىر قازى تېغى، جەنۇب تەرىپىدە ئابرال تېغى بار. بازار تەۋەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى پۈتۈن قاش دەرياسى ئۇدۇل كېسىپ ئۆتكەن، بازارنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن كۈنەس دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدىغان كۈنەس يايلىقى بار.

بازار بويىچە، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 800 مېتىردىن 4590 مېتىر ئارىلىقىدا. يەر شەكلى يۇقىرى تاغ، ئوتتۇرا تاغ ۋە پەس تاغ، كۆل قاتارلىق تۆت چوڭ يەر شەكلىدىن تۈزۈلگەن، 100 دىن ئارتۇق چوڭ كىچىك دەريا بار. بازار بويىچە يەر شەكلى شەرقىي ئېگىز، غەربى پەس، ئومۇمىي كۆلىمى 10053 مىڭ كۋادرات مېتىر. پۈتۈن ناھىيەدە يېزا 10، بىر بازار، بىر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەيدانى، رايون تەۋەسىدە بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك 4-شىسىنىڭ 79-تۇەنى، 72-تۇەن كۆمۈر كانى، 71-تۇەن كوكسلاشتۇرۇش زاۋۇتى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى نىلقا ناھىيەسىدىكى نەسىللىك ئات فېرمىسى، غەربىي تەڭرىتاغ ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ نىلقا ئورمانچىلىق مەيدانى، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ كۈنەس قوي فېرمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بار.

نىلقا قۇرۇقلۇق تىپىدىكى شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ كىلىماتىغا تەۋە، يازدا تومۇز ئىسسىق بولمايدۇ، قىش پەسلى قەھرىتان سوغۇق، كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، قۇياش ئېنېرگىيە مەنبەسى مول، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ، ھۆل-يېغىن كۆپ، قىراۋسىز مەزگىلى قىسقا. پۈتۈن يىللىق قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2795 سائەت، قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ پۈتۈن يىللىق ئومۇمىي مىقدارى 136 كىلوكالورىيە / كۋادرات سانتىمېتىر، ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃5.6، ھۆل-يېغىن مىقدارى 250~475 مىللىمېتىر ئارىلىقىدا. شۇنىڭ ئۈچۈن، نىلقا بازىرىنىڭ ئىقلىم ئالاھىدىلىكى كۆپ خىل ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىشقا ماس كېلىدۇ.

ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك بايلىقى

ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقىنىڭ تۈرى كۆپ خىل. ئىپتىدائىي يەرلىك قازاق كالىسى، ئات، قوي، ئىلى قوش لوكىلىق تۆگە، ئىلى ئۆچكىسى قاتارلىقلار بار، يېتىلدۈرۈش، باقمىچىلىقى كۆلەملەشتۈرۈلگەن ئىلى ئېتى، شىنجاڭ مېرىنوس قويى، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى، ئىلى ئاق چوشقىسى قاتارلىقلار بار. كىرگۈزۈلگەن تۈرلىرىدىن ئورتوف ئېتى، ئاۋسترالىيە قويى، سىممېنتال كالىسى قاتارلىقلار بار.

ياۋايى ھايۋانلاردىن جۇڭغارىيە تايغان بۇغىسى، سۇغۇ، يىلپىز، ئۇلار، ئارقار قاتارلىقلار بار.

دورىلىق ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن جىغان، سوغىگۈل، قار لەيلىسى، سۇغۇر سېسىقئوتى، پەربۇن، تار يوپۇرماقلىق پەربۇن قاتارلىقلار بار.

قىممەتلىك جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى 100 خىلدىن ئاشقان. قار لەيلىسى، بۇغىنىڭ يۇمران مۈڭگۈزى ۋە سوغىگۈل قاتارلىقلار بار، بۇلار نىلقىنىڭ «تۆت چوڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى» دەپ تەرىپلەنگەن.

قېزىلما بايلىقى

ئاساسەن شىنجاڭ گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ چارلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، نىلقا بازىرىدىكى قېزىلما بايلىق ئىنتايىن مول بولۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، سىنىك، ئاليۇمىن، ئالتۇن، كرىستال، بارىت قاتارلىق 20 خىلدىن ئارتۇقى بار.  مىنېرال بايلىقلارنىڭ تارقىلىش كۆلىمى 0.017 كىلومېتىر ~ 130 كىلومېتىرغىچە، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 5 ~ 7 كىلومېتىر ئىچىدە كۆمۈر 11قەۋەت، ئومۇمىي قېلىنلىقى 14 مېتىر، سەككىز چوڭ كۆمۈرلۈك بار، ئومۇمىي زاپىسى 1 مىليارد 460 مىليون توننا . بۇنىڭدىن سىرت يەنە گەج، 3 مىليون 370 مىڭ 120 توننا، ھاك تېشى 3 مىليون 800 مىڭ توننا ، مىس، تۆمۈر كەڭ تارقالغان، سۈپىتى يۇقىرى، زاۋۇت، كان، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى مول بايلىق ئەۋزەللىكى بىلەن تەمىنلىگەن.

نىلقا بازىرىنىلقا بازىرىنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل، ھاۋاسى ساپ. شەرقىي قىسمىدىكى يايلىقىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، بىر گۈزەل ماكان ئىسسىقتىن ساقلىنىدىغان ياخشى جاي. بەرىكەت ئارىشاڭ، ئارىساي ئارشاڭ قاتارلىقلارنىڭ سۇ سۈپىتى ياخشى، داۋالاش قىممىتى يۇقىرى، 100 يىلدىن ئارتۇق پايدىلىنىش تارىخىغا ئىگە.

بەرىكەت، مۆڭكېت، ئاقتاش، قارا ئېيىق جىلغىسى قاتارلىق ساياھەت رايونى بار، ئارىلىقى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىغا ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان ئىككىلەمچى ئورمان باغچىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئېچلغان، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى نۇراساي قەدىمكى مىس كېنى خارابىسى ۋە قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە، گۈلى ئېنىق، ئاجايىپ قىيا تاش سىزمىلىرى، ئۇيسۇن قەدىمىي قەبرىستانلىقى قاتارلىق تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھەممىسى بۇ گۈزەل ماكانغا مۇجەسسەملەنگەن.

نىلقا بازىرى بويىچە ئومۇمىي نوپۇس 149 مىڭ ئادەم، خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل، خۇيزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق 25 مىللەت ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار  ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %44 نى، خەنزۇلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %29 نى، ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %11 نى، خۇيزۇلار %9 نى، موڭغۇللار %5 نى ئىگەللىگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#