ئودانلىق يېزىسى
ئودانلىق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا، يەكەن دەرياسىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئودانلىق يېزىسى يەكەن ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى 315-دۆلەت يولىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان، جۇغراپىيەلىك ئورنى شەرقىي مېرىدىئان ′′09′11°78-′′42′01°77، شىمالىي كەڭلىك ′′50′26°38-′′09′11°38، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1176-1210 مېتىر، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 15 كىلومېتىر. شەرق، جەنۇب، غەرب، شىمال تەرەپلىرى ئايرىم-ئايرىم ئاسلانباغ يېزىسى، زەرەپشات يېزىسى، چارەك بازىرى، ئىشقۇل يېزىسى بىلەن قوشنا. ئومۇمىي كۆلىمى 168 كۋادرات كىلومېتىر، 26 مەمۇرىي كەنت، بىر دېھقانچىلىق مەيدانى. 143 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. يېزا بويىچە جەمئىي 47 پارتىيە ياچېيكىسى، 1986 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە دېھقان-چارۋىچى پارتىيە ئەزاسى 673 نەپەر، 132 نەپەر «ئۈچ پىشقەدەم» لەر، 1620 ئىتتىپاق ئەزالىرى، 92 مەسچىت، 105 نەپەر دىنىي زات، نوپۇسى 32 مىڭ ئادەم، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 79 مىڭ مو.
ئودانلىق يېزىسىدا مالىيە پونكىتى، سۇ باشقۇرۇش پونكىتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پونكىتى، يېزا ھەمكارلىق ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش پونكىتى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتى، چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق پونكىتى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى مۇلازىمەت پونكىتى، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا مۇلازىمەت خادىملىرى 135 ئادەم.
ئودانلىق يېزىسى ئۆزگىچە باغۋەنچىلىككە تايىنىپ يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرى، مېۋە-چېۋە، كۆكتات پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ 5-ئايدا يېزىلىق پاختا تېرىلغۇ كۆلىمى 15 مىڭ مو، بۇغداي كۆلىمى 37280 مو، يېزا بويىچە 13 مىڭ مو قىزىلمۇچ تېرىش، جاڭدۇ 450 مو، قۇرۇقلۇق قوغۇن 1500 مو، قوش پەردىلىك قوغۇندىن 1000 مو، ياڭيۇ 610 مو، يېڭىدىن قىلىنغان بادام كۆلىمى 9462.5 مو، ئۈنۈش نىسبىتى %90 كە يەتكەن. ئۇلاق بادام 3397 مو، ئۆرۈك دەرىخى 810 مو. 2011-يىلدىكى پىلاندا يېڭىدىن 202 چوڭ لاپاس قۇرۇلغان، رېمونت قىلىنغاندىن 184 ى بار.
ئودانلىق يېزىسىئودانلىق يېزىسىغا قاراشلىق 26 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: ئودانلىق كەنتى، يۇلغۇنباغ كەنتى، ياندۇما كەنتى، غوجا ئېرىق كەنتى، دۆڭھويلا كەنتى، يېڭىئېرىق كەنتى، پوپان كەنتى، ئوردا ھويلا كەنتى، پايناپ كەنتى، زاكىتا كەنتى، بويلا كەنتى، ئوشلاق كەنتى، سوپۇلا كەنتى، پەيزىۋات كەنتى، راۋات ئۆستەڭ كەنتى، يېڭىھويلا كەنتى، تاققۇ-تۇققۇ كەنتى، قاشئېرىق كەنتى، باغئېرىق كەنتى، باغمەھەللە كەنتى، قوشئاۋات كەنتى، خانكۆۋرۈك كەنتى، بوستانھويلا كەنتى، پاۋانبېغى كەنتى، ياندۇرما خانئېرىق كەنتى، ئودانلىق لەڭگەر كەنتى ۋە 143 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.