ئۇيغۇرچە نامى بالباغاي يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 4261 ئادەم
خەنزۇچە ئاتىلىشى 巴里巴盖乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئالتاي شەھىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالباغاي يېزىسىبالباغاي يېزىسى ئالتاي شەھىرى تەۋەلىكىدىكى يېزا-بازارلارنىڭ بىرى، دۆلەت يولى 216 ـ لىنىيىسىنىڭ 40 كىلومېتىر غەربىگە جايلاشقان، پۈتۈن يېزىدىكى ئاھالە 851 ئائىلە، 4261 ئادەم، خەنزۇ، موڭغۇل، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار پۈتۈن يېزا ئومۇمىي سانىنىڭ 85 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؛ يېزا بويىچە يەتتە مەمۇرىي كەنت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ دېھقانچىلىق كەنتى، تۆت چارۋىچىلىق كەنتى بار، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا.

بالباغاي يېزىسىبالباغاي يېزىسى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ياغلىق ئاپتاپپەرەس، قوغۇن قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ھوسۇل ئالغان. بۇ يىل تېرىلغان 630 مو قوغۇننىڭ ھەممىسى شېنجېن، گۇاڭجۇ رايونىدا سېتىلغان. 12960 مو قىچادىن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئېلىنغان، ئۇ ماي چىقىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇنىڭدىن قالسا يېزا ئىگىلىك-قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىدىن يەنە ئالتاي چوڭ قۇيرۇقلۇق قوي، يۇڭ، سۈت، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار بار.

بالباغاي يېزىسىبالباغاي يېزىسىدا 2007-يىلى تېرىلغان ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىلغۇ كۆلىمى 2206.4 مو، بۇلتۇرقىدىن 739.4 مو ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي 10 مو، كۆممىقوناق 2100.4 مو، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 766.4 مو ئاشقان؛ گۈللۈك سەي پۇرچاق 96 مو، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 410 مو ئازايغان.

 ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 18018.2 مو، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2446.7 مو ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ياغلىق ئاپتاپپەرەس 7756.7 مو، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2852.2 مو ئاشقان؛ قوغۇن 6724.3 مو بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 500.3 مو ئاشقان؛ قىزىلچا 98.5 مو، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1201.5 مو ئازايغان؛ تاۋۇز گازىرى 3191 مو، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 788 مو ئاشقان؛ ئاپتاپپەرەس 2 مىليۇن 480 مىڭ مو، 492 مو ئازايغان.

يەم-خەشەك زىرائەتلىرى 86145000 مو، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2449 مو ئازايغان.

226 نەسىللىك سۈت كالىسى كىرگۈزۈپ، سۈتچىلىك تۈرتكە بولىدىغان كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 102  يۈەن بولغان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#