ياپونىيە

ياپونىيە

 ياپونىيە ‹‹قۇياش چىقىدىغان دۆلەت ›› دېگەن مەنىدە . ئۇنى يەنە ‹‹نورۇز گۈلى، گىلاس گۈلى دۆلىتى›› دەپمۇ ئاتايدۇ .

ياپونىيە Japan نوپۇسى 126مىلىيۇن 900 مىڭ، زىمىنى 377 مىڭ 900 كۋادىرات كىلومېتىر. دۆلەت گۈلى نورۇز گۈلى، دۆلەت تېشى خىرۇستال، دۆلەت بايرىمى ساماۋى خاننىڭ تۇغۇلغان كۈنى.


ئۇيغۇرچە نامى ياپونىيە پادىشاھلىقى
قىسقارتىلغان نامى ياپونىيە 日本
پايتەختى توكيو
نوپۇسى 126 مىليون 910 مىڭ
ئىنگىلىزچە نامى Japan
خەنزۇچە نامى 日本国
قىتئە تەۋەلىكى ئاسيا قىتئەسى
دۆلەت تىلى ياپون تىلى
يەر مەيدانى 377 مىڭ 900 كۇۋادىرات كىلومېتىر ئاھالىسى :
دۆلەت بايرىمى كۈنى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياپونىيە ياپونىيە ‹‹قۇياش چىقىدىغان دۆلەت ›› دېگەن مەنىدە . ئۇنى يەنە ‹‹نورۇز گۈلى ،گىلاس گۈلى دۆلىتى ››دەپمۇ ئاتايدۇ .

ياپونىيە Japan نوپۇسى 126مىلىيۇن 900 مىڭ، زىمىنى 377 مىڭ 900 كۋادىرات كىلومېتىر. دۆلەت گۈلى نورۇز گۈلى، دۆلەت تېشى خىرۇستال، دۆلەت بايرىمى ساماۋى خاننىڭ تۇغۇلغان كۈنى. ياپونىيە خوككايدو ، خيونسىيو ، سىكوكو، كيۇسىيۇدىن ئىبارەت تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا يايسىمان سوزۇلىدىغان تۆت چوڭ ئارال ۋە 6800 دىن ئارتۇق كىچىك ئاراللاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، غەربىي قىسمى شەرقىي دېڭىز، خۇاڭخەي دېڭىزى، چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىغا تۇتۇشىدۇ، ياپون دېڭىزى جۇڭگو، چاۋشىيەن، كورىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يىقىن. دېڭىز تېررىتورىيىسى كۆلىمى 77880 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ. روسىيە بېسىۋالغان «شىمالدىكى تۆت ئارال»، كورىيە بېسىۋالغان «بامبۇك ئارىلى» مۇ بار.

پايتەختى: توكيو، ئاھالىسى 122900 (2003-يىلى2-ئايدىكى سىتاتىستىكا) . توكيونىڭ 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتورىسى℃3، 8-ئايدىكى تېمپىراتورىسى ℃25. 

ياپونىيەمىلادى 4-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ياپونىيە بىرلىككە كەلگەن دۆلەت- ياماتو دۆلىتى ئوتتۇرىغا چىقتى.

5-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياماتو دۆلىتى گۈللىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىغىچىلىك كېڭىيىشكە باشلىدى.

مىلادى 645-يىلى چوڭ كۆلەملىك يېڭىلاش ئېلىپ بېرىلىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۈزۈمىگە ئاساسەن، پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. مىلادى 12-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ساموراي قاتلىمىدىكىلەر ھوقۇق تۇتىدىغان ھەربىي فېئوداللىق تۈزۈمدىكى دۆلەت بولدى. تارىختا بۇ幕府” دەۋرى دەپ ئاتالدى.

1853-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتكەن ئامىرىكا شەرقىي ھىندىستاننىڭ فلوت قوماندانى 佩理率 تۆت كېمىلىك ھەربىي قوشۇن توپلاپ،تويوكوسوكا پورتىغا ھوجۇم قىلدى. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگىلىيە، ئامىرىكا، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مەجبۇرىي يۇسۇندا نۇرغۇنلىغان تەڭسىز شەرتنامىلەرنى ئىمزالاشقا مەجبۇرلىغاندىن كېيىن، مىللەتلەر توقۇنۇشى ۋە جەمئىيەت توقۇنۇشى كەسكىنلىشىپ، فېئوداللىق تۈزۈمدىكى 德川幕府 ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتتى. كاپىتالىزىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 派萨摩和长州 قاتارلىق جايلار «خاننى ھۆرمەتلەپ دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش، دۆلەتنى باياشات قىلىپ ھەربىي كۈچنى كۈچەيتىش» شوئارى ئاستىدا يىپىق مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

1867-يىلى 27 ياشقا كىرگەن لياڭيىرۇڭ ياپونىيىگە ۋەكالەتچىسى سۈپىتىدە فىرانسىيىگە بېرىپ، پارىژ خەلقئارالىق كۆرگەزمە يىغىنىغا قاتناشتى.

1868-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى پادىشاھ مىڭجى «بەش ماددىلىق قەسەمنامە»نى ئېلان قىلىپ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزگەرتىلگەن ئاساسى قانۇننىڭ باش پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىشتا قوزغاتقۇچلۇق رولىنى ئوينىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ياپونىيە مىڭجى دەۋرىگە قەدەم قويدى.

1868-يىلى ئىسلاھاتچىلار «مىڭجى يىلىدىكى يېڭىلىق ئۆزگەرتىش» ئېلىپ بېرىپ، فېئوداللىق تۈزۈمنى تارمار قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن، ئاساس قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈمىنى يولغا قويدى. يېڭىلىققا كۆچۈشتىن كېيىن، ياپون كاپىتالىزىمىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى ۋە دۆلەت گۈللىنىپ سىرتقا قارىتا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىدى.

1894-يىلى ياپونىيە -جوڭگۇ ئارىسىدا جىياۋۇ ئۇرۇشى پارتىلىدى.

1904-يىلى ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى پارتىلىدى.

1910-يىلى چاۋشىيەن بېسىۋىلىندى.

1914-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىدى.ياپونىيە ئۇرۇشتا يەڭگۈچى دۆلەت بولۇپ گېرمانىيەنىڭ ئاسىيا ۋە تېنچ ئوكياندىكى مۇستەملىكە ۋە ھوقۇقلىرىغا ۋارىسلىق قىلدى.

1926-يىلى يۈرىن خان تەخىتكە چىقتى، بۇنىڭ بىلەن ياپونىيە جاۋخې دەۋرىگە قەدەم قويدى. 

«18-سىنتەبىر ۋەقەسى» 1931-يىلى ياپونىيە ئەسكەرلىرى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىنى بېسىۋالدى. «7-ئىيۇل ئۆزگىرىشى» 1937-يىلى لۇگۇچىياۋ ۋەقەسى يۈز بەردى. جوڭگۇ-ياپونىيە ئۇرۇشى باشلاندى.

1941-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ياپونىيە ھاۋاي شىتاتىدىكى پېئرىل خاربورغا ھۇجۇم قىلدى، ئامېرىكا ياپونىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. تىنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتىلىدى.

1945-يىلى8-ئايدا ئامىرىكا ئارمىيىسى ياپونىيىنىڭ خىروسىما ۋە ناگاساكى ئارىلىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىدى.

1945-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپون مەغلۇپ بولۇپ شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلاندى.

1945-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ياپونىيە ئامىرىكىنىڭ«مىسسۇرى»ناملىق ھەربىي پاراخوتىدا ئۇلتىماتۇم تاپشۇردى. ئۇرۇشتىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىللەردە ئامىرىكا ئارمىيىسى ياپونىيىنى مۇستەقىل ئىشغال قىلىۋالغان.

1947-يىلى 5-ئايدا ئاساسىي قانۇن يۈرگۈزۈپ، ساماۋى خاننىڭ ھوقۇقى يەنە بىر قېتىم ئاجىزلاشتۇرۇلۇپ، ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەرەققىياتىغا چەكلىمە قويۇلۇپ، پارلامىنىت ئىچكى كابىنىت تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ئۇرۇشتى كېيىنكى ياپونىيەدە دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى بولمىغانلىقتىن مائارىپ تەرەققى قىلدۇرۇلۇپ 1955-يىلىدىن 1964-يىلىغىچە ياپونىيىنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى%9 تىن يۇقىرى بولدى. 1965-يىلدىن 1970يىلى %10 تىن ئاشتى. 80-يىللاردىن كېيىن ياپونىيە ئامېرىكىدىن قالسىلا مىللە ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتكە ئايلاندى. 

 يەرلىك جۇغراپىيىسى

ياپونىيە ياپونىيە خوككايدو ، خيونسىيو ، سىكوكو، كيۇسىيۇدىن ئىبارەت تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، شەرقىي شىمالدىن غەربىي جەنۇبقا يايسىمان سوزۇلىدىغان تۆت چوڭ ئارال ۋە 6800 دىن ئارتۇق كىچىك ئاراللاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، غەربىي قىسمى شەرقىي دېڭىز، خۇاڭخەي دېڭىزى، چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىغا تۇتۇشىدۇ، ياپون دېڭىزى جۇڭگو، چاۋشىيەن، كورىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە يىقىن. 

تاغلىق ۋە دۆڭلۈكلەرنىڭ كۆلىمى ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %71 تىنى ئىگەللەيدۇ.ياپونىيىدە 160 دىن ئارتۇق يانار تاغ بار بولۇپ، نۆۋەتتە 50 نەچچىسى ھەرىكەتتىكى يانار تاغ. ياپونىيە دۇنيا بويىچە داڭلىق يەر تەۋرەش رايونى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. فۇجى ياما تېغى ياپونىيە بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3776 مېتىر كېلىدۇ.

كىلمات ئالاھىدىلىكى

ياپونىيەياپونىيىنىڭ ئارشىڭى پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق. ياپونىيىدىكى دەريالارنىڭ ئېقىن مىقدارى كۆپ ئەمما قىسقا بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن دەريا سىنومدەرياسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 367 كىلومېتىر. ئەڭ چوڭ كۆل بولغان باربىت كۆلىنىڭ كۆلىمى 672.8 كىلومىتېر كېلىدۇ. ياپونىيىنىڭ ھاۋا كېلىماتى مۆتىدىل بەلباغلىق مۇسسون شامىلى كېلىماتىغا تەۋە بولۇپ، يىللىق تېمپىراتورىسى مۆتىدىل، قىش پەسلى قاتتىق سوغۇق، يازدا قاتتىق ئىسسىق بولمايدۇ.

ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە تەيفىڭ بورىنى كۆپ چىقىدۇ، ھەريىلى 6-ئايدا يامغۇر كۆپ ياغىدۇ.1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتورا شىمالدا نۆلدىن تۆۋەن 6 سىلىتىسىيە گرادۇس، جەنۇپتا 16 سىلىتىسىيە گرادۇس؛ 7-ئايدا شىمالدا 17 سىلىتىسىيە گرادۇس، جەنۇپتا 28 سىلىتىسىيە گرادۇس بولىدۇ. يىلىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 700-3500 مىللىلېتىر، ئەڭ كۆپ بولغاندا 4000 مىللىلېتىر كېلىدۇ. 

ياپونىيە ياپونىيىدە ياماتو مىللىتى ئەڭ كۆپ، خوككايدو ئارىلىدا 24 مىڭ ئاينۇ مىللىتى بار. ياپونىيىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ياپون تىلىنى ئىشلىتىدۇ، خوككايدۇ ئارىلىدىكى ئاز بىر قىسىم ئاينۇ مىللىتى ئاينۇ تىلىنى قوللىنىدۇ. ياپونىيىلىكلەت ئاساسەن دىنغا ئىشىنىدۇ. ئېتىقاد قىلىدىغان دىنى شىنتو دىنى %49.6 ۋە بۇددا دىنى %44.8. يەنە بىر مىلىيۇندىن ئارتۇق خىرىستىان ۋە 110 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلمان بار.

دۆلەت بايرىقى 

دۆلەت بايرىقى قۇياش شەكلىدىكى بايراق ،ئاق بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىغا قىزىل قۇياشنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ ،ئۇ قۇياش چىقىۋاتقان دۆلەتنىڭ سىمۋولى ،ئاق رەڭ ھەققانىيەت ۋە پاكلىقنىڭ سىمۋولى ،قىزىل رەڭ ساددىلىق ۋە قىزغىنلىقنىڭ سىمۋولى .

دۆلەت گېربى 

دۆلەت گېربىسېرىق جۇخۇار گۈلىنىڭ 16تال بەرگىدىن تەركىب تاپقان .جۇخۇار گۈلى لايىھەسى پادىشاھ جەمەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ .پادىشاھ جەمەتى ئىشلىتدىغان جابدۇق -سايلاملاردا دائىم بۇ بەلگە ئۇچرايدۇ .جۇخۇار گۈلىنىڭ يەلپۈگۈچسىمان 16تال بەرگى -دۆلەتنىڭ ئاساسىي-خەلق ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولى .

دۆلەت گۈلى 

ياپونىيەنورۇزگۈلى ياپونلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۈل ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى دۆلەت گۈلى . ياپون تىلىدا ئەگەر «گۈل» لا دېيىلسە ئۇ نورۇز گۈلىدۇر . ياپونلاردا ئەزەلدىنلا نورۇزگۈلىگە ئىشتىياق باغلايدىغان ئەنئەنىۋى ئۆرپ -ئادەت بار. ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بولغان نورۇز بايرىمىدا ، كىشىلەر ئۆيلىرىدىن چىقىپ باغچىغا ياكى دالىغا بېرىپ نورۇز گۈلدىن بەھىرلىنىدۇ . بۇ مەزگىلدە ھەممىلا يەردە « نورۇز گۈلى نورۇز گۈلى باھارنىڭ بېشى » دېگەن ناخشىسىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ . كىشىلەر نورۇز گۈل قاينىمىغا غەرق بولۇپ ، ئۇنىڭدىن بەھىرلىنىپ ، ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىشىدۇ . دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ بۇ خىل كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەنزىردىن ھەيران قالىدۇ . كۆپ ھاللاردا نورۇزگۈلى ياپونىيە دېگەن ئىسمىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلگەچكە ، ياپونىيىنىڭ « نورۇز گۈل ئارال دۆلىتى » دېگەن نامى پەيدا بولغان.

ياپونىيە 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. ئۇنىۋېرسىتېتلاردۆلەت ئىگىلىكىدىكى، كوللىكتىپ ئىگىلىكىدىكى ۋە شەخس ئىگىلىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت دەپ ئايرىلغان. ياپونىيە مائارىپقا تولىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆلەت، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى يۇقىرى. ياپونىيىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى، 早稻田 ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە چىڭيىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتىتلار بار.

ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياپونىيە«كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈم» نى يولغا قويۇپ، ئوخشىمىغان سىنىپ ۋە قاتلاملارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان پارتىيىلەر قۇرۇلدى. نۆۋەتتە دۆلەتلىك يىغىنلارغا قاتنىشىۋاتقان پارتىيىلەردىن دىموكراتلار پارتىيەسى، ياپون كوممونىستىلار پارتىيەسى، خەلق ئۇيۇشمىسى پارتىيەسى، يېڭى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى... قاتارلىقلار بار.

نۆۋەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىلىۋاتقىنى باش ۋەزىر شىنزو ئابى 安倍晋三 رەھبەرلىگىدىكى ئەركىن دىموكراتلار پارتىيەسى. 

ياپونىيىنىڭ سانائىتى ۋە كارخانىلىرىنى ھاكىمىيەت پىلانلايدۇ ۋە شەخسى كاپىتالنىڭ تەرققىياتىنى يۆلەيدۇ.

ياپونىيە زور مىقداردىكى ئىختىساسلىق ئەمگەك كۈچىگە ئىگە. ياپونىيىنىڭ خام چوتىدا يۇقىرى پەن-تېخنىكا سېلىنمىسى ۋە مائارىپ خامچوتى كۆپ ساننى، ھەربىي ئىشلار خامچوتى ئىنتايىن ئاز نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ. ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىمپورت قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، غايەت زور كارخانا گۇرۇھى ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرىنى تەشكىل قىلغان، ياپونىيەدە پۇخرالار ئۆمۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتىگە ئىگە قىلىنغان بولۇپ بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا يوقىلىۋاتىدۇ.

ئىمپورت ۋە ئىكىسپورت ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ، سانائەتكە كېرەكلىك بولغان ئەسلى ماتىرىياللارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك چەتئەللەردىن كىرگۈزۈلىدۇ.

ياپونىيەگەرچى ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈش نىسپىتى ئازايغان بولسىمۇ، ئىشسىزلىق نىسپىتى تۆۋەن بولۇپ كەلدى. ئولتۇراق ئۆي قىستاڭچىلىقى ۋە ئاھالە زىچلىقى مەسىلىسى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىككى چوڭ مەسىلە. ماشىنا ئادەمنىڭ ياسىلىشى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقتىساد ئەۋزەللىكى ئارقىلىق بولغان. پۈتۈن دۇنيادىكى 720 مىڭ ماشىنا ئادەم ئىچىدە، ياپونىيىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى 410 مىڭ بولۇپ، ماشىنا ئادەم دۆلىتى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ.

ئىقتىساد تەرەققىياتى 

ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادى 1950-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، 20 نەچچە يىللىق يۇقىرى ئۆسۈش ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن.

1960-يىلى ھۆكۈمەت كىرىمنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ دۆلەتنىڭ كىرىمىدە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن يىلىغا %10 ئۆسۈش بولغان. 1970-يىلىنىڭ بېشىدا نېفىت كىرىزىسىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، كىرىمنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆسۈش نىسپىتى %5 دىن يۇقىرى بولۇپ كەلگەن.

1980-يىللاردىن كېيىن ياپونىيە ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئۆسۈش نىسبىتى %4 ئەتراپىغا چۈشۈپ ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى يىلدىن يىلغا تۆۋەنلەشكە باشلىدى، 1980-يىلىنىڭ ئاخىرى چەكتىن ئاشقان مەبلەغ سېلىش ھەمدە پاي چېكى ۋە ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ پاخاللىشىشى بىلەن قىممىتى بارغانسېرى ئېشىپ، پاخاللىشىش ئەھۋالى بارغانسېرى ياخشىلاندى. ھۆكۈمەت ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىپ كېتەلمىدى.

1997-يىلىدىكى ئاسىيانىڭ پۇل-مۇئامىلىسىنىڭ كىرىزىسقا ئۇچرىشى ۋە 2001-يىلىدىكى ئامىرىكا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادىغا بىر ئاز تەسىر كۆرسەتتى.

ياپونىيە ئىقتىسادى زور دەرىجىدە گۈللەنگەن دۆلەت بولۇپ 2008-يىلى يىللىق مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 4 تىرلىيۇن 870 مىلىيارت دوللارغا يېتىپ، ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. كىشى بېشىغا توغرار كېلىدىغان كىرىمى 35 مىڭ 300 دوللار . يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى %1. ئىشلىتىدىغان پۇلى يىن  116.18يىن = بىر دوللار (2006)، 108.19 يىن = بىر دوللار (2004)، 125.39 يىن = بىر دوللار (2002) ياپونىيەنىڭ ئالاقە سېستىمىلىرى يۈكسەك تەرەققى قىلغان بولۇپ، 2008-يىلى مۇقىم تېلفون ئابونتى 51 مىليۇندىن، يان تېلفون ئابونتى 107 مىلىيۇندىن ئاشقان. ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىسى 88 مىليۇن بولغان.

دېھقانچىلىق بولسا ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلىغا تايىنىدۇ. گۈرۈچتىن باشقا ئاشلىق، گۆش تۈرى ۋە باشقا زىرائەتلەرنىڭ %50 تى سىرتتىن ئىمپورىت قىلىنىدۇ. ياپونىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بېلىقچىلىق دۆلىتى بولۇپ ياپونىيەنىڭ شەرقى شىمالىدىكى دېڭىز رايونى دۇنيادىكى بىرىنچى بېلىقچىلىق مەيدانى ھېساپلىنىدۇ. بېلىق تۇتۇش مىقدارى پۈتۈن دۇنيا بېلىق تۇتۇش مىقدارىنىڭ %15 ىنى ئىگەللەيدۇ.

ياپونىيەئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامىرىكا ئارمىيىسى ياپونىيىنىڭ ھەربىي ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغان مۇستەقىل ئىشغال قىلدى. ياپونىيىدىكى كونا ھەربىي كۈچلەر پارچىلاندى. چاۋشىيەن ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن، ئامىرىكا قوشما شىتاتى ياپونىيىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشىنى قوللىدى. ياپونىيە مۇداپىئەسىنىڭ ئاساسلىق سىياسىتى: تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن مۇداپىئە كۆرۈپ، ئامىرىكا-ياپونىيە تىنچلىق تۈزۈمىنى قوللاش، مەمۇرى ئەمەلدارلار ھۆكۈمرانلىق قىلىش، ئۈچ مەركەزلىك تۈزۈمىگە ھۆرمەت قىلىش. مۇداپىئە كۈچىنى كۈچەيتىشنى تىزگىنلەش قاتارلىقلار.

1976-يىلى «مۇداپىئە پىلانى پروگراممىسى» نى تۈزۈپ چىقىپ، ھەربىي كۈچنى زورايتىشنى فاڭجىنىنى يولغا قويدى ھەمدە مۇداپىئە ئىشلىرىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھالىتىنى ساقلاشنى، ھەربىي سەپنىڭ سۈپىتىنى ساقلاش پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىچىك تىپتىكى جەڭگە مۇستەقىل ھالدا تاقابىل تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

1990-يىلىغا بارغاندا بۇ پروگراممىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى.

1990-يىلى 12-ئايدا يېڭى پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەربي خىراجەت ئومۇمىي سوممىسىنى بەش يىل ئىچىدە 22.75 مىليونغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدى. بۇ پىلاننىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى شۇ بولدىكى سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىش، ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئارقا سەپ مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش، خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئامىرىكىنىڭكىگە يەتكۈزۈش قاتارلىقلار.

2006-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ياپونىيە مۇداپىئە ئەترىتى بىرلىككە كەلگەن دېڭىز- ھاۋا مۇداپىئەسى تەكشۈرۈش ئەترىتىنى قۇردى. ياپونىيەنىڭ يىللىق ھەربى خىراجىتى گەرچە مىللى دارامەتنىڭ %0.8 نى ئىگەللىسىمۇ ئەمما ئۇمۇمى سومما جەھەتتىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتىپاقىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مائارىپى: ئوقۇش مۇددىتى باشلانغۇچتا 6 يىل، تولۇقسىزدا ئۈچ يىل، تولۇق ئوتتۇرىدا ئۈچ يىل، ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس تۆت يىل، ئالىي تېخنىكومدا ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولىدۇ.[2]

126 مىليون 910 مىڭ

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ياردەم تورى

http://yardam.com/baike/view/1490/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#